duq-yaponiye-rabiye-qadir.JPGد ئۇ ق رەھبەرلىرى توكيودا

6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ياپونىيەدە پائالىيەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى توكيودىكى سېىريو سارىيىدا قەشقەر ۋە ئاقسۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى قەشقەر ۋە ئاقسۇدىكى سوت مەھكىمىسى ئون توققۇز ئۇيغۇرغا سوت ئېچىپ ئۇلارغا تور بەتلىرىدە مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دىنىي ئەسەبىيلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى – دېگەن جىنايەتلەر ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئون نەپەر نەپەر كىشى قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا سۆز قىلىپ ئۆتتى.

ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ياپون – ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ مەخسۇس يوللىغان ئالاھىدە مەكتۇپ ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ياپونىيىنىڭ سابىق ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېرى توموگامې ئەپەندىممۇ ئىشتىراك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

بۇ قېتىمقى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتايدىكى سوت مەھكىمىسىدە ئېلان قىلىنغان ھۆكۈملەرنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ خىتاينىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئېلان قىلىنغان ھۆكۈملەر بولماستىن بەلكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئالاھىدە قۇرۇلغان سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ ئۆز – ئارا پىكىرلىشىش، سۆھبەتلىشىش ۋە شۇنداقلا دىنىي، تارىخىي مەسىلىلەرنى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىش ھوقۇقنىڭمۇ يوقلۇقى توغرىسىدا توختالدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىتىنى تىزدىن ئۆزگەرتمىسە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى توختاتمىسا، ئاقىۋەتتە قاتتىق بەدەل تۆلەشكە يولۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەگەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىلھام مەخمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.

بۈگۈنكى پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن ياپونىيە دۆلەت مارشى ئورۇنلاندى. رەئىسى سەھنىسىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى ئېسىلدى.

بايانات ئېلان قىلىش ئىككى يېرىم سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى. يىغىنغا جەمئىي بەش يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.