ياپونىيە تېلېۋىزىيە قانىلى NHK دە-24 ئىيۇن تارقىتىلغان «ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ‹ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش› بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تىركىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تۈپەيلى بارغانچە كەسكىنلىشىپ، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىگە كىرگەنلىكى سۆزلەنگەن. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» غا ئىمزا قويغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئاندىن كېيىن «ئۇنداقتا، ھازىر ئۇيغۇر خەلقىگە نېمە بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئال بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا دائىر رەسىم ۋە كۆرۈنۈشلەرگە قاراتقان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەن. ھۆججەتلىك فىلىمدا يەنە-2009 يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرقلىق مىللىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇرلاردا ئىزچىل نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى سۆزلەنگەن.
ھۆججەتلىك فىلىمدا يەنە چۈشەندۈرگۈچىنىڭ «بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئەمەس، چۈنكى ياپونىيەدە 2000 دىن 3000 گىچە ئۇيغۇر ياشايدۇ،» دېگەن سۆزىدىن كېيىن، «ئۇيغۇرلاردىن بىر كىشى NHK نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى،» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. بۇ چاغدا ئېكراندا بادام دوپپا كىيگەن خەلمەت روزاخۇن پەيدا بولىدۇ.
ھۆججەتلىك فىلىمدا خەلمەت ئەپەندى مۇنداق تونۇشتۇرۇلىدۇ: «خالمەت روزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن، 46 ياش. ئۇ 15 يىل ئىلگىرى ياپونىيەگە كېلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان. ئۇ ياپونىيەدە قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن، چىبا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر رېستورانىنى ئۈچ يىل باشقۇرغان.
ئىككى يىل بۇرۇن ئۇنىڭ تىنچ تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئايالىنىڭ ئۈچ تۇغقىنى ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاپ قويۇلغان. ئۆزىنىڭمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خالمەت روزىنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئىكەن.
روزى خىزمەت قىلغاچ ياپونىيەدىكى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتىكەن. ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، ئۇ ئىسمىنى ۋە چىرايىنى ئاشكارىلاپ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشنى داۋا قىلىپ كەلمەكتىكەن. ئالدىنقى ئاي (ماي) ئۇ يۇرتىدىكى ئاكىسىدىن ۋىدېيولۇق تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. ناتونۇش بىر جايدا ئولتۇرغان چوڭ ئاكىسى ئۇنىڭدىن ياپونىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشلارغا قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى قايتا-قايتا سورىغان. بۇ سوئالدىن گۇمانلانغان روزى مەخپىي بۇ سۆزلىشىشنى باشقا بىر تېلېفونىنى ئىشلىتىپ سىنغا ئېلىۋالغان. خەلمەت روزى ئاكىسىنىڭ ئىنتايىن بىسەرەمجان، قورقۇنچ ئىچىدە ئىكەنلىكى سېزىپ قالغان. بۇ سىنلىق كۆرۈشۈشتە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىش مۇنداق داۋاملاشقان:
خەلمەت روزى: ھازىر سەن قەيەردە؟ ماڭا كۆرسەت.
ئاكىسى: مەن ياخشى، ئەنسىرىمە.
خەلمەت روزى: يېنىڭدا بىرەرى بارمۇ؟
ئاكىسى: «ياق، ھېچكىم يوق. قارا، ئەنسىرىمە.
خەلمەت روزى سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز ئېكراندا بىر غەلىتە ئادەم پەيدا بولۇپ. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدۇ. ناتونۇش ئادەم مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگو مەڭگۈ سىزنىڭ دۆلىتىڭىز، مەن سىز بىلەن دوستلىشىپ، پاراڭلاشقۇم بار.»
ئۆزىنى بىر ھۆكۈمەت خادىمى دەپ ئاتىغان بۇ ناتونۇش ئەر خالمەتكە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر سوراپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تېلېفوندا تارتىلغان-1 سىن مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ.
NHK نىڭ بۇ مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى خەلمەت ئەپەندىمنىڭ ئۆزىنىڭ تېلېفوندا ئالغان بۇ سىنلىق ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خەلمەتنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىككىنچى ئىسپاتنى ئۆزلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە ئاپپاراتىدا يوشۇرۇن ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان.
فىلىمدا تۆت ھەپتىدىن كېيىن خەلمەت روزى ئەپەندى ئاكىسى بىلەن دېيىشىپ قويغىنى بويىچە، ئىككىنچى قېتىم سىنلىق تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ.
خالمەتنىڭ ئاكىسى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سەن بىلەن سۆزلەشمەكچى.
خالمەت روزى: ئۇ راستىنىلا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئادىمىمۇ؟
ئاكىسى بىلەن قىسقا ۋاقىت پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئوخشاش ئادەم ئېكراندا ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەۋە خادىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. خالمەت روزى دەلىل-ئىسپات سورىغاندا، ئۇ «بۇنى ئادەتتىكى ئادەملەر كۆرسە بولمايدۇ» دەيدۇ ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كىنىشكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئېكراندا ئۇنىڭ خىتايچە «گوئەن» (دۆلەت خەۋپسىزلىكى) دەپ يېزىلغان كىنىشكىسىنىڭ سۈرىتى چوڭايتىپ كۆرسىتىلىدۇ.
بۇ ئەر كۈچلۈك ئاھاڭدا ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ خالمەت روزىدىن ئۆزىنىڭ ياپونىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
خالمەت روزى «بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ جاۋاب بېرەي» دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۇ چوڭقۇر بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن،
«ئاكامغا نۇرغۇن بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، نېمە دېيىشنى بىلەلمەيمەن، بۇ بەك ئازابلىق. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشسىڭىز، جاسۇس بولۇشقا مەجبۇر بولىسىز. ئۇيغۇرلار نېمىشقا بۇنداق كۈنلەرگە قالىدىغاندۇ؟» دەيدۇ.
مەزكۇر فىلىم تارقىتىلغاندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى كۆرۈرمەنلەردە ۋە ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان. يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇسۇللاردا بېسىم قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق مۇنازىرىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خالمەت ئەپەندىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ چۆچەكتە گۆرۈگە ئېلىنغان ئاكىسى ئەركىن روزاخۇن 56 ياشلاردا ئىكەن. ئۇ تېخى پېنسىيەگىمۇ چىقمىغان بىر دۆلەت كادىرى ئىكەن. خالمەت ئەپەندى ئاكىسى بىلەن ۋېدىيولۇق كۈرۈشكىنىدە ئۇنىڭ تۈزۈكمۇ ئولتۇرالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كۆڭلىنىڭ تولىمۇ پەرىشان بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خالمەت ئەپەندى خىتاينىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان قارا قولىنىڭ ياپونىيەگە يەتكەنلىكىنى، يەنى ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىمغا ئۇچراۋاتانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ئارقىلىق ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىن تېخىمۇ بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ قارارنى ئالماي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئېنىق. ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسى قېرىنداشلىرى بار. ئەمما مەنمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىسام، يەنە بەرسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان بىگۇناھ خەلقىمىزگە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى، ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا سوزۇۋاتقان قارا قولىنى قانداقمۇ توختىتىمىز؟. . .»
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى