
رابىيە قادىر خانىم توكيودا
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 18-ئىيۇن ياپونىيە پايتەختى توكيوغا يېتىپ بېرىپ، ياپونىيەدىكى پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى.
ئۇ بىر نەچچە كۈنلۈك سەپىرىدە ياپونىيەنىڭ 5 چوڭ شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر توكيو نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىدا چىقىپ، رابىيە خانىمنى كۈتۈۋالغان. ئۇ 20-ئىيۇن توكيودا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھەربىي قىسىملارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ياپونىيە سەپىرى توكيودىن باشلىنىپ، ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى قاراشلىق ئوكىناۋا ئۆلكىسىدە ئاخىرلىشىدۇ.
قارامايلىق ئاياللار كەمسىتىشكە قارشى
قارامايدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ باشلانغان نارازىلىق ھەرىكىتى، ئۆتكەن ھەپتە يەنە داۋام قىلغان.
نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مىللىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
قارامايلىق ئاتا-ئانىلاردىن زىننەت خانىمنىڭ 17-ئىيۇن رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 6-ئىيۇن باشلانغان نارازىلىق ھەرىكىتى نۆۋەتتە، جىم ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش شەكلىدە داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئۇ، قارىمايدا 90-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتنىك كەمسىتىشنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى تەنقىدلىدى. زىننەت خانىم، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى جىم ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغۇچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رامزاندا ئاشخانىلار تاقالمايدۇ
خىتاي دائىرىلىرى رامزان يېتىپ كېلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن جايلارغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاشخانا-رېستورانلىرىنىڭ رامزان ئېيىدا تىجارەت توختىتىشىنى مەنئى قىلغان.
خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا چارە كۆرۈلۈپ، تىجارەت كىنىشكىسى توڭلىتىلىدىغانلىقى، 6 ئايغىچە سودىسى توختىتىلىپ، جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دائىرىلەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە يېزا بازارلاردا ئۇيغۇر ئاشخانا، رېستوران، تېز تاماقخانا خوجايىنلىرىدىن بۇ يىلقى روزا مەزگىلىدە سودا توختاتماسلىق كېلىشىمىگە قول قۇيۇشنى تەلەپ قىلغان. خوتەندىكى بىر ئۇيغۇر تېز تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى گەرچە ھەر يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل توختاملىرىغا قول قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋاتتىكى خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
يېقىندا ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىگە قاراشلىق غوراچۆل يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 12 ئادەم ئۆلگەن. لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەرخىل چۈشەندۈرۈلمەكتە.
بىر يەرلىك ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ ئەر، بىر ئايال بولۇپ 4 ئۇيغۇر غوراچۆل يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا 3 ئەر ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەن. ئايال قېچىپ كەتكەن. لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئامانلىق خادىملىرى يېزىدا ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر ئۆيدىن ئاز دېگەندە 12 كىشىنى بومبا قاتارلىق قوراللار بىلەن بايقاپ قالغان. بۇ 12 كىشى قېچىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ، ھەممىسى ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەن.
يەنە بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇلار 14كىشى بولۇپ، ئىككىسى قېچىپ كەتكەن. ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر نۆۋەتچى، نېمە ۋەقە يۈز بەرگىنىنى بىلمەيدىغانلىقى، بىراق تۈزۈمنىڭ بىردىنلا چىڭىپ، 24 سائەت چارلاش، قوغداش تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۆھرەت ھوشۇر يەنە مۇكاپات ئالدى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر، 2013-يىللىق «نيۇ-يورك خەلقئارا رادىئو پروگراممىلىرى مۇكاپاتى» نىڭ كۈمۈش مېدالىغا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «يوقاپ كەتكەنلەر، لېكىن ئۇنتۇلمىغانلار: غايىب ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ئىزدەش» ناملىق پروگراممىسى مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن.
شۆھرەت ھوشۇرنىڭ غايىب ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 31 قىسىملىق رادىئو پروگراممىسى زور غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 17-ئىيۇن نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئۇنىڭ 3-قېتىم خەلقئارا رادىئو مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدۇر.
19 ئۇيغۇر قاماققا مەھكۇم قىلىندى
خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە سوت ئېچىپ، 19 نەپەر ئۇيغۇرنى سىياسىي سەۋەبلەردىن قاماققا ھۆكۈم قىلدى.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى كىشىلەر «تور بېتىدە مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ زوراۋانلىق قىلىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. 19 ئۇيغۇرنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 4 يىللىقى ھارپىسىدا سوتلانغانلىقى دىققەت قوزغىدى. د ئۇ ق ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بەزى چەتئەل خەۋەرلىرىگە «خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىق ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى» دەپ ماۋزۇلار قويۇلغان. چەتئەل خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.