
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن ياپونىيەگە يېتىپ كەلدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن سىرت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى بەش چوڭ شەھەردە دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىدە رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولىدۇ.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى 2008-يىلىدا توكيودا قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە يېتەكلىشىدە قۇرۇلغان.
2008-يىلى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى توكيوغا كېلىپ ئۆزى بىۋاسىتە سايلام ۋە تەشكىلات رەھبەرلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ جەمئىيەتكە مانا بۇ يىل بەش بولدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياپونىيەدە ئاڭلىتىشقا قوشقان تۆھپىسى بىلەن كەلگۈسى ھەققىدە، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.