
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ياپونىيەنىڭ بەش چوڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش ۋە شۇنداقلا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قاتار سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن توكيوغا يېتىپ كەلدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە توكيو نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىدا رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالدى.
رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومدا « ساكۇرا» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
20-چېسلادىن باشلاپ رەسمىي باشلىنىشقا پىلانلانغان بۇ پائالىيەتكە،ياپونىيەنىڭ ھەر-قايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ ۋەكىللىرىمۇ توكيوغا يىغىلىپ،بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا كىرىشىپ كەتتى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت توكيودىن باشلىنىپ،ئەڭ ئاخىرى خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشقا قالغان سېنكاكۇ ئارىلى جايلاشقان ئوكىناۋا ئۆلكىسىدىكى پائالىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلھام مەخمۇت بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.