
«ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتاب ياپونچە نەشر قىلىندى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابى ياپونچە نەشر قىلىندى.
كىتابنى ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشر قىلغان.
مەزكۇر كىتابتا ئاساسلىقى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئالتە يىللىق مەھكۇم ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2005-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىيون ۋە دۆلەت ئەربابلىرىغا يوللىغان مەكتۇپلىرى ئورۇن ئالغان.
«ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى» ناملىق بۇ كىتاب 2012-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەدە ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان شۇ ناملىق كىتابقا ئاساسەن نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى كائورى خانىم كىتاب ھەققىدە توختىلىپ: كىتابنى تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. كىتاب تەھرىرلەش جەريانىدا يېزىلغان مەكتۇپلارنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران بولدۇم. بۇ ماتېرىياللار قىممەتلىك ۋە مەن ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باقمىغان يېڭى مەلۇماتلار ئىكەن، دېدى.
غۇلجىنىڭ بايكۆل دېھقانلىرى 4 خىتاي شوپۇرنى گۆرۈگە ئالغان
غۇلجىنىڭ بايكۆل دېھقانلىرى چارشەنبە كۈنى ئۈزۈملۈكنى تىندۇرۇۋەتكەن 4 خىتاي شوپۇرنى ماشىنىلىرى بىلەن قوشۇپ تۇتۇۋېلىپ، 24 سائەت گۆرۈگە ئالغان.
بۇ جەرياندا دېھقانلار خىتاي ئىشچىلاردىن بۇزۇلغان 8 مو ئۈزۈملۈككە تۆلەم تۆلەشنى ۋە ياكى توپا بىلەن تىندۇرۇۋېتىشنى بۇيرۇغان باشلىقنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ۋەقەگە ساقچى ۋە كادىرلار ئارىلىشىپ مەسىلىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە يازما ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، دېھقانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان شوپۇر ۋە ماشىنىلارنى قويۇپ بەرگەن.
ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تۇرغۇن تۇرسۇن قاتارلىق بايكۆل دېھقانلىرى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن يەر تالىشىش كۆرۈشى قىلىۋاتقان ئىدى.
بايكۆلدىكى بىر ئاھالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ بايكۆلدىكى 50 دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ 300 مودىن ئارتۇق يېرىنى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇغان.بۇ جەرياندا ھەرخىل توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان ئىدى.
خەلقئارالىق شېئىرىيەت بايرىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى
يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ 10- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق شېئىرىيەت بايرىمىغا ئۇيغۇر شائىرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر شائىر تېلمان نۇراخۇنوف قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان.
تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار پائالىيەتتە چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بولۇشىنى شەرت قىلغان ۋە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا شۇ خىل تەلەپنى قويغان.
تۈركىيە يازغۇچىلار ئىتتىپاقى بىلەن قىرغىزىستان مىللىي يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتكە 21 رايون ۋە دۆلەتتىن كەلگەن تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ 80 دىن ئوشۇق ۋەكىلى قاتناشقان.
تۆت كۈنگە سوزۇلغان مەزكۇر بايرام داۋامىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق بۈيۈك نامايەندىلەرگە بېغىشلانغان شېئىرىيەت كېچىلىكلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان
خىتايدا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 30 نەپەر تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى خىتاي دائىرىلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولغان.
بۇ ھەيئەت، بېيجىڭ، شاڭخەي، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلغان.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى نەسلىھان جەنك خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۈرۈمچىدە ۋەزىيەت سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر رايونىدا بەزى چەكلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ يەردە بەزى چەكلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ چەكلىمىلەرنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ چەكلىمىلەر يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇسى.
ۋېنگىرىيەنىڭ ئۇيغۇر ياشلار يىغىلىشىنى چەكلىشى نارازىلىق قوزغىدى
30-ماي ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەدەنىي يىغىلىشى ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىشى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىك دېليۇس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنى «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى. خەۋەرلەردە، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ھەم تۆھمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا يولسىزلىق قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياشلار كومىتېتى كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى ۋېنگىرىيەگە توپلانغان ئىدى.
كومىتېت يېتەكچىسى ئۈمىد خەمىت ئاگاھى 30-ماي ئەتىگەندە ۋېنگىرىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 11 سائەت سوراق قىلىنغان ۋە 4 سائەتنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيەدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان.
كومىتېتنىڭ يىغىن ئاچماقچى بولغان زالىمۇ قۇلۇپ سېلىنىپ كىرىپ- چىقىش چەكلەنگەن. نەتىجىدە كومىتېت ئەزالىرى گېرمانىيەگە يۆتكەلگەن ئىدى.
ستوكھولىمدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى خىتاي سىياسىي كېڭەش رەئىسىنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
4-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سىتوكھولمدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي سىياسىي كېڭىشى رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتىگە قارشى ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزدى.
قوللىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلار كۆتۈرگەن نامايىشچىلار سىتوكھولم شەھەر مەركىزىگە يىغىلىپ، خىتايغا قارشى غەزەپلىك شوئارلارنى توۋلىغىنىدا ئەتراپتىكى نۇرغۇنلىغان شەھەر خەلقى بۇ يەرگە كېلىپ نامايىش ئەھۋالىنى كۆردى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىدەك ھەقىقەتنى شۋېد خەلقىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇردۇق، دېدى.
يۈ جېڭشېڭنىڭ مەسئۇللۇقىدا تەشكىللەنگەن خىتاي زىيارەت ئۆمىكى 3-ئىيۇندىن باشلاپ شىمالىي ياۋروپادىكى دانىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە رەسمىي دۆلەت زىيارىتىدە بولىدۇ.