
5-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى» نىڭ ياپون تىلىدىكى كىتابى نەشردىن چىققان.
مەزكۇر كىتاب 2012-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ئىنگلىز تىلىدىكى نەشرىگە ئاساسەن نەشر قىلىنغان. كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىگە ياپونىيەلىك ئاتاقلىق فوتوگراف يوھېئى ياماموتو تارتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2009 -يىلىدىكى ياپونىيە زىيارىتىدىكى سۈرىتى بېرىلگەن. كىرىش سۆز قىسمىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوز ئەپەندىنىڭ 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى چېخنىڭ پايتەختى پراگادا ئېچىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەش يولىدىكى جاسارىتى ۋە غەيرىتىگە بەرگەن يۇقىرى باھاسى توغرىسىدىكى سۆزى بىلەن بىرگە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلگەن. كىتاب، بىرىنچى باب: ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە. ئىككىنچى باب: 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار. ئۈچىنچى باب: ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى. تۆتىنچى باب:ئەركىنلىك مەشئىلى قاتارلىق تۆت بابتىن تۈزۈلگەن. مەزكۇر كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى ياپونىيەدە نەشر قىلىنىپ، 2012-يىلى،5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىگە ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن سوۋغا قىلىنغان ئىدى.
مەزكۇر كىتابتا ئاساسلىقى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى باجاخۇ تۈرمىسىدىكى ئالتە يىللىق زىندان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەندىن بۇيان ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىغا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە مەشھۇر سىياسىيون، دۆلەت ئەربابلىرىغا يوللىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەكتۇپلار ئورۇن ئالغاندۇر.
بىز ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ياپون تىلىدىكى مەزكۇر كىتابى توغرىسىدا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئىلگىرى كۆپ قېتىم رابىيە قادىر خانىم بىلەن ياپونىيەدە سۆھبەتتە بولغان، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيەلىك بۇلما ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىتابى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-رابىيە قادىرنىڭ ئېيتقانلىرى بىزگە ناھايىتى پايدىلىق ئۇچۇرلاردۇر. ئۇنىڭ سۆزلىرى بىزنىڭ كۆزىمىزنى ئاچتى. چۈنكى ئۇ، ئۆزىنىڭ كۈرەش يولىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق،ئەمەلىيەتنى بىزگە يەتكۈزدى. ئۇ بىزگە جەمئىيەتتىكى سىياسىي چۈشلەرنى ئەمەس، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.
مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلاشقا مەسئۇل بولغان، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور نىشىخارا ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ نەشرگە تەييارلىنىشى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىز بىر يىل ئىلگىرى ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان بۇ كىتابنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇردۇق. كىتابتا ئاساسلىقى رابىيە قادىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇرلار ياشىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، مەدەنىيىتى، مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە شۇنداقلا يالتادىن ئىبارەت بۇ خەلقئارالىق كېلىشىمدە ياپونىيە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئاراللىرىدىن ئايرىلغاندەك، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلغان مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىندى. شۇڭا مەن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى كائورى خانىم كىتاب ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-كىتابنى تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. كىتاب تەھرىرلەش جەريانىدا يېزىلغان مەزكۇر مەكتۇپلارنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران بولدۇم. بۇ ماتېرىياللار قىممەتلىك ماتېرىياللار بولۇپ، مەن ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باقمىغان يېڭى مەلۇماتلار ئىكەن.
بىز ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر كىتابنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىشتا كۆرسىتىدىغان رولى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.