خىتاينىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «بىر مىللەتنىڭ نەسلىنى قەدەممۇ-قەدەم قۇرۇتۇش سىياسىتى» دەپ ئەيىبلەنمەكتە.
29-ئىيۇن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق ھۆججەتلىك دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئىككى كۈندىن بۇيان جىددىي تېما سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلماقتا.
گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە 1-قانىلى بولغان ARD نىڭ 1-ئىيۇل ئېلان قىلغان «زوراۋانلىق بىلەن تۇغۇت چەكلەش» ناملىق خەۋىرىدە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ خىتاينىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئۆزلىرى ئېلىۋېتەلمەيدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىدى. بېيجىڭنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم قازاقلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەسلىنى قەدەممۇ-قەدەم قۇرۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇنى ‹نوپۇس قىرغىنچىلىقى› ياكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىشەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچىلارنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، كىمنىڭ قانچە بالىسى بارلىقىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنى جىددىي نازارەت قىلماقتا. پىلاندىن سىرت بالىسى بولغانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇلماقتا ياكى لاگېرلارغا سولانماقتا. ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ۋە تۇغۇشتىن قورقماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياۋ لىجيەن: ‹ئەمەلىيەت شۇكى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلماقتا، جەمئىيەت ئىناق ۋە مۇقىم، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە دىنىي شارائىتى ياخشىلاندى، بەزى تاراتقۇلار شىنجاڭ ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقاتتى ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىنى سەۋەبسىز ئەيىبلىدى. بۇنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن بىر مۇناسىۋىتى يوق، › دېدى. ئەمما ب د ت، غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە».
گېرمانىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «زامان» گېزىتى «ئەۋلاد قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلالماسلىق» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «2009-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى. 2014-ئىلى كۇنمىڭدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدا 150 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى ۋە 31 كىشى ئۆلدى. شۇ يىلى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ، 80 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىن سەل كېيىن، ھۇجۇمچىلار ئۈرۈمچىدىكى كۆكتات بازىرىدا قولبومبىسى تاشلاپ، كەم دېگەندە 39 ئادەمنى ئۆلتۈردى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شۇنىڭدىن كېيىن ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› باھانىسىدە جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قاماشقا باشلىدى. ئادرىيان زېنز 2017-يىلى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۆتكەن يىلى ئۇ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن سىستېمىلىق ۋە مەجبۇرىي ئايرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ لاگېرلارنى ‹ئىسلامىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ ئاتايدۇ. ئەمما بېيجىڭنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكىدىن ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ تاشلاش بولماقتا.»
«ئاخبارات» تورى 30-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى: خىتاي بىر مىللەتنى قانداق كۆزدىن يوقىتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ؟» ناملىق خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بېيجىڭ قانۇننىڭ كۈچىگە تايىنىپ مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ. تەنقىدچىلەر بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىماقتا. ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ‹نوپۇس قىرغىنچىلىقى› ناملىق تەتقىقاتىدا بۇنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قوللانغان كەسكىن تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلىدى. يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە مەجبۇرلانماقتا.»
«دۇنيا» گېزىتى ئېلان قىلغان «خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە» ناملىق خەۋىرىدە لاگېردىكى نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا قامالغانلىقىنى، ئۇلارغا قەرەللىك ھالدا تۇغۇت چەكلەش دورىسى بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس جۇئاننې سىمىت فىنلېينىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بۇ ئېنىقلا دەۋرىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق. بۇ، بىر دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كەڭ كۆلەملىك قاتىللىق ئەمەس، بەلكى ئاستا-ئاستا، ئازابلىق، سوزۇلۇشچان ئىرقىي قىرغىنچىلىق.»
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «بۇ دوكلاتقا بۇ قەدەر ئېتىبار بەرگەنلىكى بەك ياخشى بولدى،» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى يورۇتۇپ بەرگەن. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ گېرمان خەلقى ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغان تۇغۇت ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى كۆتۈرۈپ چىقىشى، گېرمانىيە خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.»
گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ خۇسۇستا ئىپادە بىلدۈرگەندە خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ناھايىتى ۋەھشىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
گېرمانىيەدىكى «كۈندىلىك گېزىت» ئېلان قىلغان «چەكلەنگەن پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسى» ناملىق خەۋەردە مۇنداق يازىدۇ: «بېيجىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا كۆلەم جەھەتتىن تەڭداشسىز بولغان لاگېرلارنى قۇرۇپ، پىراكتىكا پائالىيىتىنى باشلىغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ لاگېرلارغا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر بۆلۈك شاھىتلار بۇ لاگېرلاردىكى زۇلۇم ۋە قىيناش ھادىسىلىرى ھەمدە ئاياللارغا تۇغماسلىق ئوكۇلى ئۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. ئاشكارىلانغان ئىچكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ لاگېرلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنلا قۇرۇلمىغانلىقىنى دەلىللىدى.»
«كۈندىلىك پوچتا» گېزىتى ئېلان قىلغان «ئىنسانىيەتسىز سىياسەت» ناملىق ماقالىدا مۇنداق يازىدۇ: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇئامىلە توغرىسىدىكى يەنە بىر تېپىشماقنىڭ ئىشارەتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تېنىچسىز شىنجاڭ رايونىدىكى ئىنسانىيەتسىز سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. تېررورلۇق تەھدىتى ياكى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق ئاياللارنىڭ تۇغۇش ھەققىنى چەكلەشكە باھانە بولالمايدۇ. بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر.»
«كۈننىڭ جەدۋىلى» گېزىتى ئېلان قىلغان «قەدەممۇ-قەدەم قىرغىن قىلىش» ناملىق خەۋەر ھەمدە «ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورى ئېلان قىلغان «ئەۋلاد قالدۇرۇشنى چەكلەش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش ۋە بالا چۈشۈرۈشىگە دائىر دوكلات» ناملىق خەۋەرلەردىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دىنىدىن، مەدەنىيىتىدىن، بارلىق مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش سىياسىتى يۈرگۈزۈپلا قالماي، يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى