2013.05.29

5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ياپونىيە دۆلەت ئاساسىي مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش تەتقىقات ئورگىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە دۆلەت ئاساسىي مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش تەتقىقات ئورگىنى بىلەن ھىندىستان ۋىۋېكاناندا خەلقئارا فوندى بىرلىكتە ھازىرلىغان ياپونىيە-ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تەكلىپ لايىھىسىدە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بولۇشى، بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدا ئالاھىدە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭغا دائىر مەزمۇنلار تەپسىلىي كىرگۈزۈلگەن.

ياپونىيە-ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تەكلىپ لايىھىسى دەل ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنك 27-مايدىن باشلاپ ياپونىيەدە ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلاشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ 28-مايدىكى خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى سىنك ياپونىيەدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيە پادىشاھى ئاكىھىتو، خانىش مىچىكو ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې جانابلىرى بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ياپونىيە-ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تەكلىپ لايىھىسىنىڭ تولۇق مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولغان، ئەمما ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياپونىيەلىك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى:
-ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان، كۈچلىنىۋاتقان خىتايغا قارشى تۇرۇشتا، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق ئىش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇ تەكلىپ لايىھىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقتا بېكىتىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك پىلان.

ياپونىيە دۆلەت ئاساسىي مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش تەتقىقات ئورگىنى ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان ياپونىيە دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئورگىنى. ھىندىستاندىكى ۋىۋېكاناندا خەلقئارا فوندى بولسا ھىندىستاندىكى مەشھۇر گېنېراللاردىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق فوندىدۇر.

مەزكۇر خەۋەردىن ۋاقىپلانغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ تەكلىپ لايىھىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلىنغان: شىنجاڭ يەنى شەرقىي تۈركىستان ھازىر تولىمۇ خەتەر ئاستىدىكى بىر رايون. بۇ يەردە مول نېفىت، گاز، يەر ئاستى بايلىقى بولغانلىقتىن ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەرنى كونترول قىلماقتا. 1950-يىلىدىن باشلاپ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىشىدا بۇ يەرگە كۆچۈرۈلگەن. خىتاي مىللىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە. خىتايلار ئۇيغۇرلاردىن كۆپ باي. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا كەمسىتىلىشى بەكمۇ ئېغىر. ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ، تىلىنىڭ، دىنىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2009-يىلىدىكى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلىدىكەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمىشە، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى دۆلەت تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادىي يۇقىرى ئۆرلىدى، دېگەندەك تەشۋىقاتلىرى پۈتۈنلەي يالغان سۆزلەر، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى يالغان دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە ساقلىنىۋاتقان مىللىي مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئاشكارىلاپ بەردى. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى، خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتكە يېيىلىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئىشلەمچى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقە سەۋەبچى بولدى. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتلەردە خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. 2012-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا قىلغان سۆزىدە، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە يەنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قىلچە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل ھالدا باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.