2013.05.24

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن 29 – كۈنىگە قەدەر ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدىكەن.
رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا توكيو، ئوساكا، ساپپورو، ناگويا ۋە ئوكىناۋا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس دوكلات سۆزلەيدىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە،رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە سەپىرىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار بىرلىكتە ھەمراھ بولۇپ كېلىدىكەن.
ياپونىيىدىكى بەزى تور بەتلىرىدىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە سەپىرى ئۈستىدىكى ئۇچۇرلاردا ئېيتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى بىر قانچە نۇقتىلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە دوكلات بېرىشى تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتى بولماستىن، بەلكى 2007 – يىلى ۋە 2009 – يىللىرىدىكى پائالىيىتىدىن كېيىنكىي ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان پائالىيەت ھېسابلىنىدىكەن. تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم 2007 – يىلى تۇنجى قېتىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيىدىكى تارماق ئىشخانسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بويىچە ياپونىيىگە كېلىپ، بىر ئايغا يېقىن كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن ۋە شۇ قېتىمقى سەپىرىدە ھازىرقى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې جاناپلىرىنىڭ ئالاھىدە قوبۇل قىلىشىغا ۋە ھەمسۆھبەتتە بولۇشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقان بەزى ھەممىدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ تور بەتلىرىدە بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم 2009 – يىلى ئۈرۈمچىدە 5 – ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىنلا ياپونىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بويىچە توكيوغا يېتىپ كېلىپ، توكيودا ۋەقە توغرىسىدا دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ياپونىيە خەلقىنى، ھۆكۈمىتىنى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە شۇ يىلى 10 – ئايدا ياپونىيىدىكى ئون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ياپونىيىگە كېلىپ ئۈچ ھەپتىلىك زىيارىتى جەريانىدا كيۇشۇ، توكيو، كانساي قاتارلىق جايلاردىكى ئون ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ئۇندىن باشقا، رابىيە قادىر خانىم 2012 – يىلى 5 – ئايدا توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ئىشتراك قىلغان چاغدىمۇ، ياپونىيىلىك ئاتاغلىق ژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو خانىمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە دوكىلات بەرگەن دېيىلگەن.
بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.