2013.04.09

ilham-mexmut-uyghur-ehwali-305.jpgد ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى «خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىلدى. 2012-يىلى 14-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.

6 – ئاپرېل كۈنى ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان ساپپورو شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەت ياپون مىللەتچىلىرىنىڭ تەشكىلاتىدىن بىرى بولغان «غەيرەت قىل ياپونىيە» تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان.پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت،ژۇرنالىست ئارىموتو كائورى خانىم ۋە «غەيرەت قىل ياپونىيە» تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى قاتناشقان.

مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئالاھىدە بېغىشلاپ ئىشلەنگەن سىن – ئالغۇ سۆزىدىن باشلانغان. پائالىيەتكە ساپپورودىكى ھەر – ساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۆتمۈشى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.