ياپونىيە ئاساھى سېنشو نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا «21-ئەسىرىدىكى خىتاي سىياسىتى ۋە جەمئىيىتى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى. مەزكۇر كىتابنى ياپونىيىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان ۋاسەدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى مورى كازېكو قاتارلىقلار تۈزگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013.02.07

ghulja-weqesi-kitab-yaponiye-305.jpgياپونىيىدە نەشر قىلىنغان «21-ئەسىرىدىكى خىتاي سىياسىتى ۋە جەمئىيىتى» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2013-يىلى فېۋرال.

مەزكۇر كىتاب سەككىز باب، 327 بەتتىن تەركىب تاپقان. كىتابتا ئاساسلىقى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى بىلەن خىتاي سىياسىتىدىكى ئاجىزلىقلار،خىتاي جەمئىيىتىدىكى تەڭسىزلىكلەر ئۈستىدە ئانالىز ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. كىتابنىڭ تۆتىنچى بابىدا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان مىللەتلەر مەسىلىسى بولۇپمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن تارىخىي زىددىيىتى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ خىتاي مىللىتى، ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان. كىتابتا«5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى» گە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. كىتابنىڭ تۆتىنچى بابىدا «1997-يىلىدىكى شىنجاڭ ئىلى ۋەقەسى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس توختالغان.

ئۇندىن باشقا، 2009-يىلىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئېلىپ بارغان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدىمۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يۈكى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

‏-مەن 2009-يىلىدىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىدىن 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ئىلىدا يۈز بەرگەن ياشلارنىڭ تىنچلىق نامايىشىنىڭ قوراللىق باستۇرۇلغانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچىم سىيرىلىپلا كەتتى. بۇ ئىسلارغا نېمە دېيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم.

ئاپتورلار ماقالىسىدە 1980-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش شىنجاڭدا تۈرلۈك مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە دىنىي مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقىنى، 1990-يىلى 4-ئايدا قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتايغا قارشى تۇرۇش ئىنقىلابى ھەرىكىتى يەنى«بارىن ئىنقىلابى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى قىرغىزلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تۈركىي مىللەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ خىتايلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە، ئاتوم سىناقلىرىغا، يالغان ئاپتونومىيە سىياسىتىگە ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا «تۈركىستان ئاتالغۇسى ئاتالمىش شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق زېمىن تەۋەلىكىنىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى» دەپ باھا بەرگەن.

ئاپتورلار كىتابنىڭ تۆتىنچى بابىدا «1997-يىلىدىكى شىنجاڭ ئىلى ۋەقەسى» دېگەن تېمىدا مۇنداق بايان قىلغان:
1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى ئىلى رايونىدا نامايىش يۈز بەردى. بۇ نامايىش ئىلى رايونىدا خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن سىياسىتىگە قارشى، ئىلى ياشلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىدۇر. نامايىشتا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاينىڭ ساقچى، قوراللىق قىسىم ۋە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ، يارىلىنىپ، قالغان نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاي تۈرمىلىرىگە قامالغان.1997-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باش بېتىدە بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە مەخسۇس «مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئىلىدىكى نامايىشىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەت، بۇنى ۋەتەن ئىچىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر چەتئەلدىكى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان دېيىلگەن. ئىلىدا ۋەقە يۈز بېرىپ يەنى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى غۇلجىدا ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، يۈسۈپ تۇرسۇن قاتارلىق ئۈچ كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.27 نەپەر ئۇيغۇرغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بېرىلدى. دېمەك،خىتاي ئۆزىنىڭ ئايرىلماس تۇپرىقى دەپ جاكارلاۋاتقان بۇ تۇپراقنىڭ ئىگىلىرى بولغان قورقماس ئۇيغۇر يىگىتلىرى، ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھەر خىل قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتا قۇرۇشقا ئاتلاندى.

كىتابتا يەنە، مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئىلىدىن جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغىچە 1996-يىلىدىن تاكى 1998-يىلغىچە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

مەزكۇر كىتابتا «5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى» نىڭ تىلغا ئېلىنىشى تۇنجى قېتىم بولماستىن، ئۇندىن ئىلگىرىمۇ ياپونىيىلىك نۇرغۇنلىغان ژۇرنالىستلار، يازغۇچىلار «5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى» ھەققىدە مەخسۇس كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىلەر، كىتابلار توغرىسىدا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.