2012.12.28

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى ئالتە نەپەر سىياسىيون ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىغا كىردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى ئالتە نەپەر سىياسىيوننىڭ ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىغا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ۋە بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې قايتىدىن باش ۋەزىرلىككە سايلانغان ئىدى. شىنزو ئابې سايلامدىن كېيىن ئۆز كابىنېتىنى تەشكىللىگەن. مەلۇم بولۇشىچە ئىچكى كابىنېتتىكى مىنىستىرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان كىشىلەر ئىكەن.

ئالىم سېيىتوف: 2012-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر يىل بولدى

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش دەۋاسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

ئالىم سېيىتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2012-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر يىل بولغان.

ئالىم سېيىتوف تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، رابىيە قادىر خانىم بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، شۇ دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولغان.

ئالىم سېيىتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، 2012-يىلى ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ يىل ياۋروپا پارلامېنتىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يادرو سىنىقى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى غايىبلار ئائىلىسىنى بالىسىنى ئىزدەشتىن توسۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى غايىبلار ئائىلىسىنى 5-ئىيۇلدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن تاۋابىئاتلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىشتىن توسۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى پروگراممىمىزدا 5-ئىيۇل غايىبلىرىدىن مەمەت باراتنىڭ ئانىسى سۇدىخاننىڭ ئۈرۈمچى ئالتۇنبۇلاقتىكى ئۆيىدىن ساقچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن ھەيدەلگەنلىكى ۋە سۇدىخان ئائىلىسىنىڭ ئالتۇنبۇلاقتىكى بىر مېھمانخانىدا كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

مۇخبىرىمىز سۇدىخاننى ئۆيىدىن كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلدى. ساقچى خادىمى سۇدىخاننى ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنى بالىسىنى ئىزدەشتىن توسۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى.

ساقچى خادىمنىڭ ئېيتقانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار سۇدىخاننى ئەرز قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى نەزەر بەند ئاستىغا ئالغان.

ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا «مەھمۇد كاشىغەرى ھېكايە مۇسابىقىسى» ئاياغلاشتى

ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا «مەھمۇد كاشىغەرى ھېكايە مۇسابىقىسى» 21-دېكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى.

بۇ ھېكايە مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىنى ئەسلەش ۋە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن.

تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق «مەھمۇد كاشىغەرى ھېكايە مۇسابىقىسى» 2008-يىلى «دۇنيا مەھمۇد كاشىغەرى يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئىككىنچى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەزەربەيجانلىق يازغۇچى ئەجدەر ئۆل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: تۈركلەرنىڭ روھى ئازاد، شۇڭا ئۇلار ھامان ئازادلىققا ئېرىشىدۇ. ئەگەر مەھمۇد روھى ئازادلا بولىدىغان بولسا شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇنىڭ ئەجدادلىرىمۇ ھامان بىر كۈنى ئازادلىققا ئېرىشىدۇ، دېدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى «دوستىمىز ئىلىم-مەرىپەت، دۈشمىنىمىز نادانلىق ۋە جاھالەت»

«ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 23-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. يىغىننى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان.

مۇھاكىمە يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادېمىيىسى ئىكەنلىكىنى، قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرلاردا ھاياجان ۋە ئۈمىدنىڭ يوقالماسلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن-كۈنگە تارىيىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئېچىلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىن كەلگەن ئۇيغۇر دوكتور-ماگىستىرلار ھەرخىل تېمىلاردىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇدى.

ئاۋسترالىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر لوڭقىسى ئايلانما مۇسابىقىسى» 12-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ، 26-كۈنى ئاياغلاشتى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئادىلايد، سىدنېي ۋە مېلبۇرن كوماندىلىرى شۇنداقلا ھەربىر شەھەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتناشتى.

ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: بۇ پەقەت بىر پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماي، ئاۋسترالىيىدىكى ياشلارنىڭ ھەر يىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز-ئارا تونۇشۇش، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى بىر پۇرسەت، دەپ كۆرسەتتى.