بۈگۈن ياپونىيىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان ياپونىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى، مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى شىنزو ئابې باشچىلىقىدا يېڭىدىن كابىنت تەشكىللەپ، ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.12.26

shinzo-abe-305.pngئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى شىنزو ئابې سۆز ئۈستىدە

شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى يەنى ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقىدىن ئالتە نەپىرى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. مەزكۇر خەۋەردىن ۋاقىپلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى بۇ ھۆكۈمەتنى قۇتلىدى.

2012 – يىلى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ياپونىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ مەركىزىدە قۇرۇلغان «ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرىدىن ئابې ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە، فۇرىيا كەيجى ياپونىيە دۆلەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە، ئىتو سېجى باش ۋەزىر ياردەمچىلىكىگە، شىمومۇرا پەن – مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىغا، موتېگى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىغا، ئونودېرا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا،ئىنادا تومومە مەمۇرى ئىسلاھات مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.

شىنزو ئابې ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى، «ياپونىيە ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزالىرى ئىتتىپاقى»نىڭ باش مەسلىھەتچىسى. 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توكيودا غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ياردەمدە بولغان، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاۋاتقان سىياسىيونلاردىن بىرىدۇر. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

شىنزو ئابېنىڭ ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىرلىككە ۋە باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ مىنىستىرلىققا تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تەبرىكلىدى. ئۇندىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.