16 – دېكابىر كۈنىدىكى ياپونىيە باش ۋەزىر سايلىمىدا، ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، يەنە بىر قېتىم باش ۋەزىرلىك ئورنىغا ئېرىشتى. بۇ شىنزو ئابېنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق باش ۋەزىرلىككە سايلىنىش غەلبىسى ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى كېچىدە ئېلان قىلىنغان سايلام نەتىجىسىدە شىنزو ئابې 203 گە قارشى 3003 ئاۋاز بىلەن رىقابەتچىسىنى يېڭىپ غەلىبە قىلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.12.16

shinzo-abe-rabiye-qadir-2007-305.pngرابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى تۇنجى سەپىرىدە شىنزو ئابې بىلەن سوھبەتتە. (2007-يىلى 11-ئاي)

شىنزو ئابېنىڭ ئىككىنچى قېتىم باش ۋەزىرلىككە سايلىنىش سايلىمىدىكى قازانغان ئۇتۇقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنى تەبرىكلىدى.

شىنزو ئابې جانابلىرى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى،ياپونىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە قايتىدىن سايلانغان. شۇ قېتىمقى سايلامدا كېلەر قېتىملىق باش ۋەزىرلىك سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشكەن ئىدى. مانا بۈگۈن يەنە قايتىدىن ياپونىيىنىڭ توقسان ئالتىنچى قېتىملىق باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىنىش سايلىمىدا غەلىبە قىلدى.

ئىلگىرى باش ۋەزىر ئابې جانابلىرىنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن بىرنەچچە قېتىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان ۋە ئابې جانابلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ھەمسۆھبەتتە بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ خۇش خەۋەردىن شادلىنىپ، شىنزو ئابې جانابلىرىنىڭ غەلىبىسىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنزو ئابې ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە سورۇن ھازىرلاپ كېلىۋاتقان ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر – دوستلۇق كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى. ئۇ، 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توكيودا غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ياردەمدە بولغان، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاۋاتقان سىياسىيونلاردىن بىرىدۇر. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، شىنزو ئابې جانابلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ياپونىيىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى جانلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت شىنو ئابې باشچىلىقىدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئۈمىت كۈتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.