مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ توكات شەھەرلىك خەلق ۋەكىلى دوكتور رېشات دوغرۇ ئەپەندى پارلامېنتا قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ كەركۈك مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.12.14

parlament-ezasi-reshat-doghru-305.jpgتۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى در. رىشات دوغرۇ ئەپەندى سۆزدە. 2012-يىلى ئاۋغۇست.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى توكات شەھەرلىك خەلق ۋەكىلى دوكتور رېشات دوغرۇ 2013 – يىللىق TİKA( تۈرك ھەمكارلىق ۋە ئىدارىسى) ۋە چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ 2013 – يىللىق مالىيە خامچوتى ھەققىدە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تۈركىيە پارلامېنتىدە سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەر تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تىمىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن 1759 – يىلىدىن بېرى تاجاۋۇزغا ئۇچرىماقتا. ئۇلار ئارىلىقتا بەزى مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرغان بولسىمۇ، خىتاي بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى ۋە تۇنجۇقتۇرۇۋەتتى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشكىللىك سىياسىي بېسىم ئېلىپ بارماقتا. تۈركلۈك ئېڭىنى يوق قىلىپ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مائارىپ سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزمەكتە. خىتايچە مائارىپنى زورلاپ تاڭماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرى ۋە ئەنئەنىسىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن بىلەن بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلەر توشۇلماقتا ۋە ئۇيغۇر نوپۇسى تارقاقلاشتۇرۇلماقتا. ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان بېسىم بارغانسېرى زورايماقتا.

تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقمايۋاتىدۇ، ئۇلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقنى دۇنيا ئېقىم مەسىلىلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشمايۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھاجىر لېدىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشى چەكلەنمەكتە. ياپونىيە بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قۇرۇلتاي ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى رەھبەرلەر شەرقىي تۈركىستان لېدىرلىرىنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. بىز بولساق دۆلەت سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ قۇرۇلتايلىرىغا قاتناشمىغاننى ئاز دەپ، ئۇلارنى دۆلىتىمىزگە كىرگۈزمەيۋاتىمىز. بۇ توغرا ئەمەس.

ئاتاتۈرك، «تۈركىيىنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان تۈركلەر بار. تۈركىيە جۇمھۇرىيتى دۆلەت سۈپىتىدە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە ئۇ يەردىكى تەرەققىياتلارنى كۈتىۋېلىشى لازىم» دېيىش ئارقىلىق بىزنىڭ تارىخىي ۋەزىپىمىزنى بېكىتىپ بەرگەن. ئاتاتۈركنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رەھمەتلىك باشبۇغ ئالپ ئارسلان تۈركەش ئەپەندىنىڭ ئۈلكىچىلەرگە ئامانەت قىلغان قېرىنداش خەلقلەر مەسىلىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر.

2011 – يىلى 20 – مارتتا قۇرۇلغان، چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسى، قۇرۇلغاندىن تارتىپ مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئاكتىپچانلىقىنى تېخىمۇ ئىجرا قىلدۇرۇشى كېرەك. مەزكۇر باشقارما خۇددى TİKA غا ئوخشاش چەتئەلدىمۇ شۆبىلەرنى قۇرۇشى، تۈركلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇشى كېرەك.2011 – يىلى 7 – ، ۋە 8 – ئىيۇن كۈنلىرى ئەنقەرەدە چەتئەلدىكى تۈركلەر قۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنى ئېچىلغاندى. ئۇندىن باشقا يەنە گېرمانىيىدە كۆچمەنلىكنىڭ 50 – يىللىقى خاتىرىلەنگەنىدى. مانا بۇلار ئاكتىپ پائالىيەتلەردىن ئىبارەت.

دوكتور رېشات دوغرۇ ئەپەندى پارلامېنتتىكى سۆزىدە يەنە، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىكى ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك بارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا ئىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تۈرك دۇنياسى مىنىستىرلىقى قۇرۇپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.