2012.11.16

ئۇ بۇ نۇقتىنى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى نىگاتا شەھەرلىك «روتاري» كۇلۇبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نۇتۇق سۆزلىگەن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى «21 – ئەسىردىكى ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر داۋاسى رابىيە قادىرىدىن باشلاندى» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە ئوتتۇرا – ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستانىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي كۈسەن دەۋرىدىن باشلاپلا ياپونىيە خەلقى بىلەن باغلىنىش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە، 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېۋىزىيە كوماندىرى مەخمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ياپونىيىگە كېلىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياردەم كۈتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلارنىڭ سىياسىي باغلىنىشى ھەققىدىمۇ توختالدى.
دوكتور تۇرمۇھەممەت دوكلاتىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنىڭ ياپونىيىدە رەسمىي يوسۇندا ئاڭلىتىلىشى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنىڭ ياپونىيىدە ھەقىقىي تۈردە مەيدانغا كېلىشى 2007 – يىلى نويابىردا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى ئون چوڭ شەھەردە نۇتۇق سۆزلىگەن مەزگىلدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۇرمۇھەممەت ھاشىم يەنە، 2008 – يىلى ياپونىيىدە ئىلھام مەخمۇت باشچىلىقىدىكى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقى ۋە شۇندىن كېيىن ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر داۋاسى تېخىمۇ سىستېمىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
.
ئۇ يەنە، 2012 – يىلى 5 – ئايدا توكيودا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلار مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلات سائەت ئون ئىككى يېرىمدىن بىر يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى. دوكلاتقا تەخمىنەن ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.