2012.11.16

ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەندى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى 1933 ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىدى.

خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى يىغىلىش، نۇتۇق سۆزلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.

قازاقىستاندىكى مۇراسىمدا سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ياشلاردىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشتى.

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر «جۇمھۇرىيەت كۈنى» نىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«جۇمھۇرىيەت كۈنى» ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تەبرىكلەنگەندىن باشقا يەنە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىمۇ خاتىرىلەندى.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ يىللىق «خەلقئارالىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى ۋىرگىنىيە شتاتى رىچموند شەھىرىگە جايلاشقان «بىرىنچى ئەركىنلىك مەركىزى» تارقاتقان بولۇپ، مۇكاپات رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوشقان تۆھپىلىرىگە بېرىلگەن.

«خەلقئارالىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ھەر يىلى 16-يانۋار ۋىرگىنىيە شتاتىدا خاتىرىلىنىدىغان «دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ.

ئوسلودا ئۇيغۇر مەسچىتى قۇرۇلدى

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر مەسچىتى قۇرۇلدى. نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار 10-نويابىر بىر يەرگە جەم بولۇپ، مەزكۇر جامەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

سەمەت ئابلا ئەپەندى بۇ خەيرلىك ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ياردەمدە بولغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

جامەنىڭ تەلىم-تەربىيە خادىمى تۇرغۇنجان قارىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جامائەتنى قولغا كەلگەن بۇ ئەۋزەللىكنىڭ قەدرىنى بىلىش ھەم بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا چاقىردى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا 10 يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن 9-نويابىر ئامېرىكىغا كەلدى. ئۇ بۇنىڭ 1-قېتىم ئامېرىكىغا كېلىشى.

دولقۇن ئەيسا 2002-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشى قىيىنچىلىققا يولۇققان.

ئۇ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى.

قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى توپلىغان ئىئانە ئىنسان ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇشقا قارىتىلدى

يېقىندا ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى، بۆرەك كېسىلىگە دۇچار بولغان 14 ياشلىق ئەزىز ھاشىروفنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەخسۇس كونسېرت ئۇيۇشتۇرغان.

ئۇلار كونسېرتتىن چۈشكەن بارلىق پۇللارنى ئەزىز ھاشىروفنىڭ ئانىسىغا يەتكۈزگەن. بۇ ساخاۋەتچى ياشلارنىڭ خەيرلىك ئىشى يۇرت-جامائەتچىلىكىنى تەسىرلەندۈرگەن.

جەمئىيەت ۋەكىللىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەتلەر ياشلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.