كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بالمۇن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر سابىق باش ۋەزىر ئابې جانابلىرىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىكنامىسىنى، سالىمىنى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسىنى يەتكۈزدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.10.27

shinzo-abe-rabiye-doppa-salam-305.jpgكاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بالمۇن ئەپەندى ۋە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى سابىق باش ۋەزىر ئابې جانابلىرىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىكنامىسىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلدى. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە سورۇن ھازىرلاپ كېلىۋاتقان ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر-دوستلۇق كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاسىيادا تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا تىرىشىۋاتقان ياپونىيىدىكى تونۇلغان سىياسىيون ۋە شۇنداقلا ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې جانابلىرى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەنە قايتىدىن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە ۋە كېلەر قېتىملىق باش ۋەزىرلىك سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بالمۇن ئەپەندى ۋە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى سابىق باش ۋەزىر ئابې جانابلىرىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىكنامىسىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلدى. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بالمۇن ئەپەندى ۋە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى سابىق باش ۋەزىر ئابې جانابلىرىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىكنامىسىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلدى. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq Haji

 

ئىلگىرى باش ۋەزىر ئابې جانابلىرىنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن بىرنەچچە قېتىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان ۋە ئابې جانابلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ھەمسۆھبەتتە بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ خۇش خەۋەردىن شادلىنىپ، 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن تەبرىكنامىسىنى، سالىمىنى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسىنى دەرھال يوللاپ، ياپونىيىدىكى «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ ياپونىيىدىكى ئەزالىرىغا، سابىق باش ۋەزىر ئابې جانابلىرىغا ئۆز نامىدىن يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان ئىدى.

مانا بۈگۈن 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن سائەت 11:30 دە ياپونىيىنىڭ كاگوشىما ئۆلكىسىنىڭ سېندائى شەھىرىدىكى سابىق باش ۋەزىر ئابې جانابلىرى بىلەن «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ ئەزالىرى، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بالمۇن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئۇچرىشىپ، باش ۋەزىر ئابې جانابلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىكنامىسىنى، سالىمىنى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. سابىق باش ۋەزىر ئابې جانابلىرى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سالىمىنى بۇ ۋەكىللەر ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمغا يەتكۈزگەن.

بىز بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا سابىق باش ۋەزىر ئابې جانابلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا يەتكۈزگەن سالىمىنى يوللاش ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىكنامىسىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.