2012.10.19

ياپونىيىنىڭ 90-قېتىملىق باش ۋەزىرى، يەنى ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ ياش باش ۋەزىرلەردىن بىرى شىنزو ئابې ئەپەندى 2006-يىلى سېنتەبىردىن 2007-يىلى سېنتەبىرگە قەدەر بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ياپونىيىگە باش ۋەزىر بولغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بىۋاسىتە ئېيتقان سۆزلىرى ياپونىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «سانكېئى شىنبۇن» قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگە قەدەر ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى قاتارلىقلار ياپونىيىدىن ئايرىلىش كۈنىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ياسۇئو فۇكۇدا ئەپەندى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەتىگەنلىك ناشتىلىق زىياپەتكە قاتنىشىدۇ. قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئەتىگەنلىك ناشتىلىق زىياپەتتە،خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئەپەندى ئايرىم سۆزلىشىش نۆۋىتىدە باش ۋەزىر شىنزو ئابې خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئويلىمىغان يەردىن سۆز ئېچىپ مۇنداق دەيدۇ «دۆلەت رەئىسى جانابلىرىغا مېنىڭ تەكلىپىم شۇكى، سابىق توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى توختى تۇنىياز ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق قولغا ئېلىنىپ، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۆزىگە ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋە پەرزەنتلىرى ھازىر ياپونىيىدە ئۇنى كۈتۈۋاتىدۇ. شۇڭا جانابلىرى قانۇن بويىچە ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنى بالدۇرراق ياپونىيىگە يولغا سېلىپ قويۇشلىرىنى سورايمەن.»
بۇنىڭ بىلەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان زىياپەت بىردىنلا سوۋۇغان.خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگىرىپ نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي قالغان ۋە بىر ئازدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى، خىتايغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن دەرھال سۈرۈشتۈرۈپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنى «خىتاي دۆلەت رەئىس خۇ جىنتاۋ ياپونىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا تۈرمىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان»-دەيدۇ ئاپتور.
گەرچە، توختى تۇنىياز تۈرمىدىن چىقىپ ياپونىيىگە كېلىشى مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيە ۋەتەنداشلىقى بېرىلگەن.
ئاپتور ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئەپەندى 2007-يىلى 11-ئايدا ياپونىيىدە ئۈچ ھەپتىلىك زىيارەتتە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىمۇ ئۆزى باشلىق 19 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىللە، ئالاھىدە كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولغان. ئۇندىن باشقا، 2012-يىلى 5-ئايدا توكيودا ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ھارپىسىدا ياپونىيە پارلامېنتىدا، پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش كومىتېتىنى قۇرغان ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ باشتىن-ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا زور كۈچ چىقىرىش بىلەن بىرگە، قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ لېدىرى رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى ياپونىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلغان.
بىز سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزگەن تۈرلۈك ياردەملىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.