5_ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستان دېگەن كىتاب ئەنقەرەدە نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە پاكولتىتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر زىيالىي دوكتۇر ئەركىن ئەمەت يازغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.10.05

5-iyul-qetliami-we-sherqiy-turkistan-305.png5_ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستان دېگەن كىتاب

بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تارىخلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىتابنىڭ باش قىسمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى ئەسىردە قانداق دۆلەت قۇرغانلىقى، قاچاندىن باشلاپ مۇستەقىل ياشاپ كەلگەنلىكى، قايسى يىلى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ئازادلىق ئۇرۇش – قوزغىلاڭلىرى ۋە ئۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان.

كىتابنىڭ كېيىنكى قىسمىدا، 2009 _ يىلى 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە ئۇ ۋەقەنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى شۇنداقلا، ئىسلام ئەللىرى، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئىنكاسلىرى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا تۇتقان مەيدانى ۋە باياناتلىرى توغرىسىدا توختالغان.

ئاپتۇر، «5_ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە، بۇ كىتابنى 2000 _ يىللاردىن باشلاپ ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە يېزىپ چىققانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئاپتور يەنە بۇ كىتابنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان ئامىللارنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: مەنىۋىي مەسئۇلىيەت، شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشۇم، قانلىق ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىنى بىۋاستە ھېس قىلغان بولۇشتىن كېلىپ چىققان چوڭقۇر ئىشەنچ بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشقا تۈرتكە بولدى.

ئاپتور كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە يەنە مۇنداق يازغان: ياقۇپ بەگ 1877 _ يىلى ماي ئېيىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 1863 _ يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان بەدۆلەت يىقىلدى. خىتايلار بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ زور قوشۇن باشلاپ كېلىپ 1878 _ يىلى 16 _ مايدا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالدى. بىر مەزگىل زو زۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى ئارمىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان 1884 _ يىلى 18 _ نويابىر خىتاي ئىمپېراتۇرلۇقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتاينىڭ 19 _ ئۆلكىسى سۈپىتىدە شىنجاڭ «يېڭى زېمىن» دېگەن نامىدا بىۋاستە خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىردى. ئۇ كۈندىن باشلاپ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ – كىچىك بولۇپ جەمئىي 200 ئەتراپىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. 3 قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ تارىخىي ۋەقەلەر دۇنيا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن يېتەرلىك دەرىجىدە ئايدىڭلاشمىدى. 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن قانلىق ۋەقەلەر ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىرى يۇقىرى ۋەقەلەردىن بىرى بولۇپ، دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قانلىق ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ناھايىتى سۆيۈندۈردى. خىتاي بىر پارتىيىلىك دېكتاتۇرلۇق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھېلىھەم ئاشكارىلانماي يېپىق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. مەزكۇر ئەسەر ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

بۇ كىتاب 21 _ ئەسىرگە قەدەم قويغان كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق تىراگېدىيىلەرنى ھەر جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بۇ كىتاب مۇقەددىمە قىسمى بولۇپ جەمئىي 7 بابتىن تەركىپ تاپقان. بىرىنچى باب شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخىي، ھازىرقى نوپۇس قۇرۇلمىسى، دىنىي قۇرۇلمىسى، ئىدارە تۈزۈمى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىتابنىڭ 2 – بابىدا، 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىلىق ئېلان قىلغان باياناتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاينىڭ باياناتىغا بەرگەن جاۋابى تېما قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قارىتا بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرى، جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىتابنىڭ 3 – بابىدا، 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 98/36 نومۇرلۇق شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىش بىلەن بىرگە 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا – ئارقىدىن ئىجرا قىلغان ئۆلۈم جازالىرى، سەۋەبسىز قولغا ئېلىشلىرى ۋە ھەقسىز جازالاشلىرى توغرىسىدا توختالغان ۋە يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ۋەقەدىن كېيىن ئىككى مىللەت مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى يۈزلىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقى قەيت قىلىنغان.

4 _ بابتا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى ئاساس تېما قىلىنغان بولۇپ، 60 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇ بابتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان تىل سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلى بايان قىلىنغان.

كىتابنىڭ 5 – بابىدا، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تارىخىي قىسقىچە بايان قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ چەتئەلدە قاچان ۋە قانداق باشلانغانلىقى، تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.

6 – باب دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرخانىم ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ شاھىتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىتابنىڭ تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ نەشرگە تەييارلىغان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، بۇ كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق تىراگېدىيىلەرنى ھەر جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىشتە، بولۇپمۇ 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنكىنى بىلدۈردى.