2012.10.05

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈردى.

بۇ خىلدىكى نامايىشلار ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، ئامېرىكا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكىدىكى نامايىشچىلار: ۋەتىنىمىز ئازاد بولمىغۇچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بىز ئۈچۈن ماتەم كۈنى، دېيىشىپ ئۆز ئارزۇسىنى ئىپادىلەشتى. گوللاندىيىدىكى نامايىشچىلار دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىشتى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلدى

1-ئۆكتەبىر گېرمانىيىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشقا ۋە دېموكراتىك ئۆزگىرىش ياساشقا چاقىرىلدى.

بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى «خىتايدىكى يېڭى رەھبەرلىك ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» ناملىق يىغىندا سۆزگە چىققان باۋارىيە پارلامېنتىدىكى يېشىللار پارتىيىسى رەئىسى مارگىرىتتا پوزا خانىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە باۋارىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلىنىڭ مەزكۇر يىغىننى ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ خەت يازغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېشىللار پارتىيىسى خىتاينىڭ مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي يىغىننى ئۆز ۋاقتىدا ئاچقان.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى ۋە سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

قاسىمجان 3 يىل تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا ئاجىزلاپ ئورنىدىن قوپالماس بولۇپ قالغان

يېقىندا تۈرمىدىن چىققان غۇلجا دادامتۇلۇق سابىق دىنىي مەھبۇس قاسىمجان 3 يىل تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئورنىدىن قوپالماس بولۇپ قالغان.

قاسىمجاننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالغاندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرىغا ئاپىرىلغان. كېيىن قاسىمجان ئۆزىنىڭ ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلىقىنى ئۇققان. ئەسلىدە ئۇ تۈرمىگە كېرىشتىن ئىلگىرى تەمبەل يىگىت ئىكەن.

قاسىمجان 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمما قاسىمجاننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر بۇلا ئەمەس. شۇ يىلى ئۇنىڭ دادىسى سېتىۋالدى ئاكا ۋە قېينىئاكىسى ئىبراھىملارمۇ قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. نۆۋەتتە ئۇلار تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

ئەرزدار ئايگۈل توختىنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

بىر ئاي بۇرۇن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېلىنگەن ئايگۈل توختىنىڭ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئايگۈل توختى بىر ئاي ئىلگىرى بېيجىڭدىكى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالدىدىن «توپلىشىپ قالايمىقانلىق چىقىرىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلۇپ پەيزاۋاتقا ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.

ئايگۈل توختى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئايگۈل توختى تۇتۇپ كېتىلىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە بىر خىتاي ساقچىسى ئۇلارغا ئۇنىڭ 3 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما، يەنە بىر ساقچى ئەگەر 20 مىڭ يۈەن پۇل بەرسە ئايگۈلنى قويۇپ بەرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھۆكۈمنامە تېخى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلمىگەن بولغاچقا ئايگۈل توختىنىڭ زادى كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى، ياكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىنى تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن شۇنداق ئويۇننى ئويناپ چىققانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئانالىزچىلار: ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكى تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا كەسكىن بولىدۇ

بەزى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كېلەچىكى تىبەت مەسىلىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن مۈشكۈل بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى يۈ جيېنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسىدە يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ يەرگە يىلتىز تارتىۋالغان كۆچمەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن بولۇشى مۇمكىن.

«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ يۇقىرى ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمىدى ۋە مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز رايونىدىكى ئاساسى مىللەتلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ب د ت يىغىنىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تىلغا ئالدى

بۇ نۆۋەت نيۇ-يوركتا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 67-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى تىلغا ئالغان. ئەمما بۇ ھەقتە توختالغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى «تېررورچىلىق» مەسىلىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىككە چاقىردى.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئالاقە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور نىشىھارا ئەپەندى: ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ھەرگىز تېررورلۇق ھەرىكەتكە ياتمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررور بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، دېدى.