2012.09.05

دالاي لاما ئەپەندى بۇ سەپىرى جەريانىدا ياپونىيىنىڭ يوكوھاما، كانازاۋا، ئوكىناۋا ۋە توكيو قاتارلىق شەھەرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. دالاي لاما ئەپەندىنىڭ زىيارىتى جەريانىدىكى ئاساسلىق پائالىيىتى بۇددا دىنىنىڭ ئەقىدە- ئەھكاملىرى ھەققىدە دىنىي تەلىم بېرىش بىلەن بىرگە، تىبەت بۇددىزمئىدىكى ئەقىدە-كالاملار توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەش ئىكەن.
دالاي لاما ئەپەندىنىڭ تۇنجى زىيارىتى 1967-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئون نەچچە قېتىم ياپونىيىدە زىيارەت ۋە پائالىيەتلەردە بولغان. 1972-يىلىدىن باشلاپ ياپونىيە بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق سەپىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە دىپلوماتىك بېسىملارنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى پەقەتلا ئۈنۈم بەرمىگەن. بۇ قېتىمقى دالاي لاما ئەپەندىنىڭ ئوكىناۋانى زىيارەت قىلىشى 2009-يىلىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئوكىناۋا دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىدىن تالىشىۋاتقان سېنكاكو ئارىلى جايلاشقان يەر. بەلكىم دالاي لامانىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا. ئۇندىن باشقا مەتبۇئاتلاردىكى سىياسىي ئوبزورچىلارنىڭ تەھلىلىدە. ياپون بىلەن خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە كۈنلىرىدە يەنى بۇ يىل 5-ئايدا ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە ۋىزا بېرىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولسا، بۇ قېتىمقى دالاي لامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ چوڭ سوغۇقچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئانالىزچىلار دالاي لامانىڭ ياپونىيىگە كۆپ تەكلىپ قىلىنىشىنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىدىكەن. يەنى بىرىنچى، خىتايغا سالام بېرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىش. ئىككىنچى، دالاي لامانىڭ مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قوللاش ئارقىلىق، خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى قوللىغانلىق قىياپىتىگە كىرىۋېلىش. تۆتىنچى، بۇددا دىنىدىكى ياپون خەلقىنىڭ رايىنى خۇش قىلىش. بەشىنچى، ياپون ھۆكۈمىتى بۇددا دىنىدىكى دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزىنىڭ بۇددا دىنىغا بولغان ھېسداشلىقىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايدىكەن.
ياپونىيىدىكى تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى قوللىغۇچىلاردىن بىرى بولغان ۋە بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىۋاتقان، تىبەت، ئۇيغۇر ھەققىدە كىتاب يېزىۋاتقان ياپونىيىنىڭ مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۈكى خانىم دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىگە بولغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-دالاي لاما ئەپەندى بولسا، دۇنياۋى بىر داھىي ۋە شۇنداقلا تىنچلىق سۆيگۈچى ئىنسان. دالاي لاما تىبەت ئۈچۈن كۈرەش قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. دالاي لاما خىتايدىن بىر نېمە تىلىگىنى يوق. ئۇنىڭ تىلەۋاتقىنى خىتايلار تارتىۋالغان تىبەت. مەن ئىشىنىمەنكى، يېقىن كەلگۈسىدە دالاي لاما سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىبەتكە قايتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنى تىبەتلىكلەرگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى.