2012.08.29

ياپونىيىلىكلەرگە دۇنياۋى مۇزىكا پەنلىرىدىن جوھان سەباستيان باج، مۇزارت، چايكوۋىسكى ۋە بېتخوۋىن قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ۋە شۇنداقلا ئىتالىيىلىكلەرنىڭ ئوپېرا ناخشىلىرىدىن دەرس بېرىپ كېلىۋاتقان ۋە ياپونىيىدە داڭلىق كومپوزىتور، مۇزىكانت، ناخشىچىلارنى تەربىيىلەپ ياپونلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن ۋە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى پىيانو ۋە سەنئەتكە بېغىشلىغان ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى گېرمانىيىلىك دوكتور بالمۇ ئەپەندى 1941-يىلى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا تۇغۇلغان. گېرمانىيە، ئىتالىيىلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ 1971-يىلى ياپونىيە كەلگەن ۋە شۇندىن بېرى كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرۈش ۋە ئوقۇش بىلەن بىرگە، ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارغا خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم كىتابلارنى نېمىس تىلىغا ھەقسىز تەرجىمە قىلماقتا.
بىز دوكتور بالمۇ ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر قىسىم قاراشلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: ھۆرمەتلىك بالمۇ ئەپەندى، سىز، ئۇيغۇر مىللىتىنى قاچاندىن باشلاپ تونۇدىڭىز؟
-مەن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ لېدىرى رابىيە قادىردىن باشلاپ تونۇدۇم. 2009-يىلى ئۆكتەبىردە رابىيە قادىر بىزنىڭ مەكتەپكە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغاندا، مەن لېكسىيىگە قاتنىشىپ ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلدىم.
سوئال: سىز بۇ لېكسىيىگە قاتناشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟
-مەن لېكسىيىدىن كېيىن رابىيە قادىر ھەققىدە يېزىلغان نېمىس تىلىدىكى كىتابنى ئوقۇدۇم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئەركىنلىككە ئىنتىلىپ،ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. رابىيە قادىردىن پەخىرلەندىم. ئۇ خەلقىگە ھاياتىدىكى بېرىشكە تېگىشلىك ھەممە نەرسىسىنى بەردى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشتى. ھازىرمۇ خەلقئارالىق قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ۋەتەن دەۋاسى قىلىۋاتىدۇ.
سوئال: ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى قاتتىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنماقتا. سىزچە، ئۇيغۇرلار تىلىنى، دىنىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟
-بىر مىللەتنى بىر ئوركېستىرغا ئوخشاتساق، ئوركېستىر نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ ۋە ئوخشىمىغان مۇزىكانتلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا يېقىملىق بىر سىمفونىيە ئورۇنلىنىدۇ. ئەگەر ھەر بىر چالغۇ ئەسۋاب بىرلەشتۈرۈلمەي، ھەر-بىر مۇزىكانت ھەمكارلاشماي تۇرۇپ، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا مۇزىكا ئورۇنلىسا ئۇنداقتا بىر سىمفونىيىنى ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا، مىللەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىتتىپاقلاشقاندا، بىرلىكتە ئىش كۆرگەندە يەنى مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقاندا، پارچىلانمىغاندا، تىلنىڭ قوللىنىشىنى، تىلنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ ۋە تىلمۇ راۋاجلىنىپ گۈللىنىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى ۋە شۇنداقلا بىزنىڭمۇ ياردەم قىلىش ۋەزىپىمىز بار.
سوئال: سىزنىڭچە، بىر مىللەتنى بىر مىللەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى شۇنچە ئاسان ئىشمۇ؟
ئەگەر سەن، ئاسسىمىلياتسىيە قىلغۇچىنىڭ تەدبىرىگە قارشى تەدبىر قوللانمىساڭ ۋە ياكى قاچمىساڭ، سەن ئاسانلىقچە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىسەن. بۇ، سېنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچۈڭگە باغلىق.
سوئال: ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تارىخىدا يوقىلىپ كەتكەن جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە، بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
-مېنىڭچە، سىز بىلىسىز، خىتايدىكى تىبەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش دۆلەت قۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ بەدەل تۆلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقادىنى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، دىنىنى، تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغاندىلا ۋە بۇ كىملىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرالىغاندا ئاندىن تۇپرىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ ۋە ۋەتىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.
سوئال: سىزنىڭچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟
-مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولدۇم. مېنى بىر پروفېسسور ئايلاندۇردى ۋە مېنىڭدىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قانداق قارايسىز،-دەپ سورىدى. مەن: «سىلەر ياخشى كۆرىدىغان، مەن ئۆچ كۆرىدىغان ماركىسىڭلار سان ئۆزگىرىش بولغاندا ئاندىن سۈپەت ئۆزگىرىش بولىدۇ، دېگەنغۇ؟ مەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە شۇنداق قارايمەن. دۇنيادا ئۆزگەرمەس شەيئى بولمايدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشقا كوممۇنىست ئەللەردەك چوقۇم گۇمران بولىدۇ» دېدىم.
سوئال: ئۇيغۇرلارغا رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق دەيدىغان سۆزىڭىز بارمۇ؟
-ئۈمىدۋار بولۇڭلار. ھەرقانداق يامان ئىشنىڭ ئارقىسىدىن چوقۇم ياخشى ئىش بولىدۇ. ھەمكارلىشىڭلار، تىرىشىڭلار، ئىتتىپاقلىشىڭلار.