2012.06.15
«رابىيە قادىر خانىمدىن ئاق سارايغا مەكتۇپلار» ناملىق كىتاب ياپونىيىدە نەشر قىلىندى
بۇ كىتاب ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور سېيجى نىشىخارا ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان.
كىتابتا مەكتۇپلار يىل، ئاي، كۈنلىرى بويىچە رەتكە تىزىلىپ، بېرىلگەندىن باشقا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە كۈلتۈرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن.
كىتابقا يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ جورج بوز، كلىنتون قاتارلىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىغا ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان مەكتۇپلىرىدىن باشقا ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتىغا يوللىغان مەكتۇپلىرى كىرگۈزۈلگەن.
2
«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى» تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە تورىدا قويۇلدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم –«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى» تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە تورىدا قويۇلدى.
فىلىم ئىشلىگۈچى جون لېۋىس ئەپەندى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن بولسىمۇ، پۈتۈن ئاۋسترالىيىگە تارقىتىلغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئامېرىكىلىق رېژىسسور جېف دانىېل تەرىپىدىن ئىشلىنىپ 2009-يىلى دېكابىردا مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان ئىدى.
ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشكە ھەمدە فىلىمنى فېستىۋالدىن ئېلىۋېتىشكە كۆپ تىرىشقان. ھالبۇكى، كانبېررا دائىرىلىرى خىتاينىڭ بېسىمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەن ۋە فىلىم مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىدا داغدۇغىلىق كۆرسىتىلگەن. بۇ ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر مەزگىل يىرىكلەشتۈرگەن ئىدى.
3
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تارقاتقان بىر ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىش خىزمىتىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەن.
بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا: غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نۆۋەتتە غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلىماقتا ئىكەن.
2009- يىلى 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئاز دېگەندە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ غايىب بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 غا يېقىن كىشىنىڭ كىملىكلىرى ۋە غايىب بولۇش جەريانى ئېنىقلىنىپ رادىئومىزدا بېرىلگەن ئىدى.
4
تونۇلغان ئۇيغۇر پەلسەپە تەتقىقاتچىسى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋاپات بولدى
ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن، قۇتادغۇبىلىكشۇناس يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 6-ئاينىڭ10-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ۋاپاتى بارلىق ئىخلاسمەنلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈردى.
يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق 1958-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاتۇشنىڭ شورۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. مەرھۇم 1997-يىلى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆز ئالدىغا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ھايات ۋاقتىدا «قۇتادغۇبىلىك»، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا ئائىت تېمىلاردىكى ماقالىلىرى، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت»، «قائىدە يوسۇنلىرىمىز» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئەلنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، قۇتادغۇبىلىكشۇناسلىق ساھەسى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنى بىلىدىغان كىشىلەر ئۇنى ۋىجدان ۋە پەزىلەت ئىگىسى ئىدى، دەپ تەرىپلەشمەكتە.
5
«يىپەك يولى تارىم» ئاشخانىسى ياپونىيىلىكلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن
ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى «يىپەك يولى تارىم» رېستورانى لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
رېستوران توكيو شەھىرىنىڭ شىنسۇ رايونىدا 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، ئاشخانىنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بېزەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئاشخانا تاملىرىغا ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى چالغۇ-ئەسۋابلىرى ئېسىلغان ئىكەن.
رېستوران خوجايىنى سىراجىدىن كېرىم ئەپەندى بۇ رېستوراننىڭ ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى ياپونىيىلىكلەرگە تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
6
تۈركىيە «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
«تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى ھەر ئايدا بىر قېتىم تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار دوكلات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئايلىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان.
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ قانداق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توكيودا ئېچىلغان 4 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.
مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى تۈركىيىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.