2012.06.14

لىن باۋخۇا ئەپەندى 9-ئىيۇن كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلغان «توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن تەسىراتلار» ناملىق ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرى ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئەھۋاللارنىمۇ بايان قىلغان.
سۆھبىتىمىز داۋامىدا لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتى ھەم تاللىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىنى قوللايمەن. چۈنكى ئۇلار ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ قاچان ئۇيغۇرلارغا ھېقىقى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرمىدى. 1-سېكرېتار خىتاي مىللىتىدىن بەلگىلەنگەن ئۆز زېمىنىدا ھېقىقى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئېرىشەلمىگەن مىللەتنىڭ ئەلۋەتتە نارازىلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلەر مۇشۇ سەۋەبتىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش سادالىرى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن كۈچىيىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلامدۇ،ياكى ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلامدۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بېرىدىغان قارار.»
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان.
ماقالىدە لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئەھۋالنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«2009-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە مەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خانىمىم بىلەن بىرلىكتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ياپونىيىگە باردىم. بۇ مېنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشۈم ئىدى. ئۇندىن بۇرۇن مەن رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدىم. مانا شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ماڭا ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. 2010-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە تەيۋەننىڭ گاۋشۇڭ شەھىرىدە ئېچىلغان دېموكراتلارنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە تەكشۈرگۈچىلەر تۇيۇقسىز ئۆيۈمگە ئىزدەپ كېلىپ، ئايالىمدىن مېنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تېررورچى دەپ جاكارلانغان كىشىلەر بىلەن ئالاقەم بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. بۇ تۆھمەت سەۋەبىدىن مەن ئۆيگە يوقلاپ كەلگۈچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدىم. ھەمدە بۇ ئەھۋالنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىدىم.»
لىن باۋخۇا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى قالپىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ھەم قوغدىشىغا ئېرىشىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«بۇ يىل ياپونىيىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، دولقۇن ئەيسا ھەم قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قۇرۇلتاينىڭ ياپونىيىدىكى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇتلار بىلەن كۆرۈشتۈم. خىتاي ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيسانى تېررورچى تىزىملىكىدە ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەلقئارا ساقچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋاشىنگتوندا ئىشخانىسى بار، دولقۇن ئەيسا گېرمانىيە ۋەتەنداشلىقىدا ئىدى. ئەگەر بۇ كىشىلەر راستلا خىتاي ھۆكۈمىتى دېگىنىدەك تېررورچىلار بولسا بۇ دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە يول قويىدۇ؟ ئۇلارنى قوللايدۇ؟ بۇ مېنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن 2-قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشۈم ئىدى. رابىيە قادىر خانىم يەنىلا ئاشۇنداق قىزغىن ھەم روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتە ئىدى. دولقۇن ئەيسا كىشىگە ئېغىر-بېسىق تۇيغۇ بېرەتتى، دىلشات رىشىت بولسا تولىمۇ زېرەك ئىدى. ئىلھام مەخمۇت قۇرۇلتاينىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلغان ئىدى. گەرچە بۇلارنىڭ ئادەم سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيىلىك دوستلار ئۇلارغا ياردەم قىلدى. مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى ياپونىيە جەمئىيىتى ئۇلارنى قوللىدى.»