تۆتىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلىرىدىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.05.29

turkiye-jumhhuriyet-xelq-partiyisi-wekili-305.jpgجۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ۋەكىلى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋەكىلى توكيودا ئېچىلغان ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. 2012-يىلى ماي

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى مەمەت شاندىر ئەپەندى 25-ماي كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ 14-مايدىن 17-مايغىچە ياپونىيە پايتەختى توكيودا چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە بۇ قۇرۇلتايغا ساھىبخانىلىق قىلالمىدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بۇ قۇرۇلتايغا ۋەكىلمۇ ئەۋەتەلمىدى. مەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشتىم ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەريادىنى ئاڭلىدىم. ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدا ئەسىر بولۇپ ياشاۋېتىپتۇ. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەريادىغا قارىتا قۇلىقىمىزنى يوپۇرۇۋالماسلىقىمىز كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيە زېمىنىغا دەسسەتمەيۋاتىدۇ. رابىيە قادىر خانىم بولسا قۇرۇلتايدا كۆز يېشى تۆكتى. ئۇ ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ياشاۋېتىپتۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارغا ئىگە چىقىشىمىز، دەردىنى ئاڭلىشىمىز كېرەك.»توكيودا ئېچىلغان ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ماي. سۈرەتتە(سولدىن ئوڭغا): رابىيە قادىر، مەمەت شاندىر ۋە ئورخان دۈزگۈن.

كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندى ھۆكۈمەتكە سوئال خېتى سۇندى. ئۇ خېتىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى تۈركىيىگە كىرگۈزمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مىللەت ۋەكىلى ئورخان دۈزگۈن ئەپەندىنىڭ ھۆكۈمەتكە سۇنغان خېتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
«ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئىزدەش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى دەپ ئاتالغان رابىيە قادىر خانىم ئىككى قېتىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە كىرىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ ۋىزا ئېلىش تەلىپى رەت قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ «تۈركىيىگە كىرەلمەيدىغانلار قارا تىزىملىكى» دىكى كىشىلەر ھېسابىدا تۈركىيە تەۋەسىگە كىرەلمەيۋاتقانلىقى توغرىمۇ؟ ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلىكى كىشى تۈركىيىگە قوبۇل قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، بىز بىلەن بىر قاندىن بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۆلىتىمىزگە قوبۇل قىلىنماسلىقىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟»

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە پارلامېنت ئەزاسى ئەۋەتىشى نېمىنىڭ بېشارىتى، بولۇپمۇ، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتايغا ۋەكىل ئەۋەتىشى قۇرۇلتايدىن كېيىنلا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كىرىشى نېمىنىڭ بېشارىتى دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.