يېقىندا ياپونىيە پايتەختى توكيودا بولۇپ ئۆتكەن 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارادا دىققەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.05.28

دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى، بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى ھەم ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ دېموكراتىيە قەدىرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ توكيودا باش قوشۇشىغا يول قويۇشىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلماقتا.

قازاقىستاننىڭ قازاقبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى رۇسلان سۈلېيمېنوف خىتاي مەتبۇئاتلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا «خىتاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ياپونىيىدىكى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ زىيارەت قىلىنىشىنى ئەيىبلىدى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي، ياپونىيە ۋە كورېيە جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى خۇڭ لېي مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاي-ياپون مۇناسىۋەتلىرىنى پارچىلاشقا ھەم بۇزۇشقا قارىتىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

ئازادلىق رادىئوسى بولسا 20 مەملىكەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا يىغىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىگە مىليونلىغان خىتايلارنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

ئەمدى رۇسىيىنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتىنىڭ 21-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار خىتاي بىلەن ياپونىيىنى ئۇرۇشتۇرۇپ قويدى. بېيجىڭ توكيونى بۆلگۈنچىلەرگە ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى» ناملىق ماقالىسىدە ئىتار-تاسس ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيىدىكى مۇخبىرى ۋاسىلىي گولوۋىننىڭ مەخسۇس «كوممېرسانت» گېزىتىگە بەرگەن سۆھبىتى ئورۇن ئالغان. ئۇ سۆھبەت بېشىدا مۇنداق دېگەن: «ميۇنخېنغا ئورۇنلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش ئاسسامبلېيىسى ئىلگىرى پەقەت غەربتە ئۆتكۈزۈلەتتى، ئاسىيا دۆلەتلىرى بولسا، ئۆزىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە خەتەر تۇغدۇرغانلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغان بېيجىڭنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىماتتى. گەپ 10 مىليون يەرلىك ئاھالىسى بار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ، ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ ئالتىنچى قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە سەككىز مەملىكەت، شۇ جۈملىدىن رۇسىيە، قازاقىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش.»

ۋ.گولوۋىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدا ئۆزىنىڭ مەملىكىتىنى تىكلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، سوۋېتنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىردە قوللاپ، بىردە ئۇلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باسقانلىقىنى، 40-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەركىپىگە كىرگۈزۈشكە كېلىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ شۇنداقلا، رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى تەشكىلاتنىڭ خىتاينى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقلاردا ۋە تەقىپلەشلەردە، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدا ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «ياپون دائىرىلىرى باش ئاسسامبىلېيىنىڭ شەخسىي خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى: ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىدە ھۆكۈمران پارتىيە دېپۇتاتلىرىنىڭ بولمىغانلىقىنى، رابىيە قادىرنى رەسمىي شەخسلەر قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ، بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كەسكىنلەشتۈرمەسلىككە بارلىق كۈچى بىلەن ئىنتىلدى. ئامما بۇ ياردەم قىلمىدى. بېيجىڭدا خىتاي، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە لىدىرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپلىمىلىك ئۇچرىشىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن خىتاي لىدىرى خۇ جىنتاۋ جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى لى مەن باك بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ياپون پرېمىيېرى يېسىخىكو نودا بىلەن بولىدىغان سۆھبەتتىن باش تارتتى. ئاندىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باشلىقى ياڭ جېچى ياپون تىجارەت ۋەكىللىرى بىلەن پىلانلانغان ئۇچرىشىشنى كۈچىدىن قالدۇردى. ئاخىرى، توكيوغا خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گېنېرال پولكوۋنىك گو بوشىڭنىڭ بارمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.»