2012.05.26
لى 14 – مايدىن 20 مايغىچە ياپونىيىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۈرىسىنى تىلغا ئالغان ۋە : بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر بىزنى ياپونىيە جۇڭگو سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن ئوخشايدۇ دېگەن ئويغا سېلىپ قويدى، دېگەن.
ياپونىيە سابىق باش ۋەزىرى يۇكىئو ھاتوياما ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشى ۋە د ئۇ ق رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى سېتىۋېلىشقا پۇل ئىئانە قىلغانلىقى خىتاي دائىرىلىرىنى تولىمۇ بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۈي ياپونىيىنىڭ سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ساتسۇكى ئېدا بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ سېنكاكۇ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى.