2012.05.25
ۋاڭ جيارۈي بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى د ئۇ ق ياپونىيىدە يىغىن چاقىرغان، بۇ جەرياندا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياسۇكۇنى ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىپ ۋە توكيو شەھەر باشلىقى سېنتارۇ ئىشىخارانىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە پۇل ئىئانە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
ۋاڭ جيارۈي مەزكۇر مەسىلىگە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېيدىن كېيىن ئىنكاس قايتۇرغان يۇقىرى دەرىجىلىك كومپارتىيە ئەمەلدارى.
بىراق ياپونىيە كابىنېت مىنىستىرى ئوسامۇ فۇجىمۇرا 23-ماي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋاڭ جيارۈينىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: خىتاي تەرەپنىڭ ھەر قانداق باياناتى دۆلىتىمىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دېگەن ۋە سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ياپونىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساتسۇكى ئېدا 22-ماي ۋاڭ جيارۈي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ۋاڭ جيارۈي، «جۇڭگو-ياپونىيە ئارىسىدا مەۋجۇت ئىككى مەسىلە بار» لىقىنى ئەسكەرتىپ، د ئۇ ق نىڭ توكيودا يىغىن چاقىرىشى ۋە رابىيە خانىمنىڭ سېنكاكۇنى سېتىۋېلىش پىلانىغا 10 مىڭ يېن ئىئانە قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە يۇقىرىقى ئارال ۋە رايون «جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە كىرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.