2012.05.25
ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى مەسئۇللىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى
ياپونىيىدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جەريانىدا ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى رەئىسى كەيجى فۇيۇئو ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ زىيارىتىگە رەھمەت ئېيتتى. كېيىن خىتاي ياپونىيە پارلامېنتىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئەيىبلەپ يازغان خەتنى كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاي يازغان بۇ خەتنىڭ دىپلوماتىك ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى،خىتاينىڭ بارغانسېرى ھاكاۋۇرلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇچرىشىشتا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى چۈشەندۈردى.
2-نۆۋەتلىك «ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17، 18-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق يىغىنغا ئادۋوكات نۇرى تۈركەل تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلار نىڭ زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىننى تۈرك فوندى، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.يىغىنغا دۇنيادىكى 56 دۆلەتتىن كەلگەن ھەر ساھە زاتلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا «يۈكسىلىۋاتقان كۈچ-خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىتى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ سۆز قىلغان نۇرى تۈركەل شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئايگۈل مەمەت تورونتو سەھنىلىرىدە ئويۇن قويدى
ئەنگلىيە خانىشى ۋېكتورىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىلەن تورونتو ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇيغۇر سېرك ماھىرى ئايگۈل مەمەت نومۇر كۆرسەتتى.
كېچىلىكنى تورونتو شەھەرلىك سېركچىلەر ئۆمىكى تەشكىللىگەن. كېچىلىك تورونتودىكى خاربورد مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى ۋە 3 كۈن داۋام قىلدى. كېچىلىكتە يەنە ئايگۈلنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئۇسسۇلچى دوستىمۇ نومۇر ئورۇنلىدى.
ئايگۈل مەمەت يېقىندا كانادا ئۆتكۈزۈلگەن تالانت مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ نەپىس ۋە ئالاھىدە سېرك ماھارىتى بىلەن كانادا جەمئىيىتىنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.
خىتاي خوتەنگە بازا قۇرۇش ئارقىلىق ياڭاق دەرەخلىرىنى ئىگىلىمەكتە
خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ناھىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى يەرلىك دېھقانلارنى جان ساقلاش مەنبەسىدىن ئايرىماقتا ئىكەن.
يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ناھىيىسىگە 20 مىڭ توننىلىق ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرغان. دائىرىلەر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ياڭاق بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېتىۋاتقان دېھقانلارنى يەرلىرى بىلەن قوشۇپ ياڭاق دەرەخلىرىدىن ئايرىماقتا ئىكەن.
خوتەن ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان يېرى ۋە ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەقسىز ھالدا مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزكۇر ناھىيىدىكى خېلى ئومۇمىي يۈزلۈك ھادىسىگە ئايلانغان.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايكېل پوزنېر مىنىستىرلىقنىڭ 2012-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇھلار ۋە تىبەت ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىگە دىققەت قىلىمىز. شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلىمىز. بۇ مەسىلىلەرنى ۋە شۇنداقلا بەزى شەخسى دېلولارنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 24-ماي ئېلان قىلىنغان 2012-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالىنى تەنقىدلىگەندىن باشقا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېغىر مەدەنىي، دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئالدى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېڭى ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا2011-يىلى «خىتاي دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش 1989-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر يىل» بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
دوكلاتتا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى 2011- يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە خوتەن ۋە قەشقەرلەردە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ، تىبەت راھىبلىرى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2011-يىلى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرىدا ھەر خىل باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ «خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىلتىپاتى جاسارەتلىك دەۋاگەر نۇرۇنگۈل توختىنىڭ پەيلىنى يۇمشىتالمىدى
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىلتىپاتى دەۋاگەر نۇرۇنگۈلنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئۇ خىزمەت داۋامىدىمۇ ھەقىقەتنى سۆزلىگەن، ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلارغا يان بېسىپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.
ئۇچتۇرپانلىق ئايال نۇرۇنگۈل توختى، 8 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ قاچقان خىتاي جىنايەتچى ئۈستىدىن 2 يىلدىن بېرى داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئارىلىقتا 39 كۈن قاماق جازاسى بېرىپمۇ نۇرۇنگۈلنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان ئۇچتۇرپاندىكى خىتاي دائىرىلىرى، بۇ يىل 2-ئايدا ئۇنى يېڭىئاۋات يېزىغا جەمئىيەت مۇقىملىقنى ساقلاش كادىرى قىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە 3500 يۈەن ئايلىق بېكىتكەن.
ئۇ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن چېغىدا، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى ۋە مىللىي مەيدانىنى ئۇنتۇپ قالماي ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يان باسقان. مەسىلە ئىككىدىن بىرىنى تاللاش نۇقتىسىغا كەلگەندە، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. ئۇ نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئەرزدار سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار
5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ قازاق مىللىتىدىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلاردىن بىرى 26 ياشلىق ئايتقازى ھاسانبېك، يەنە بىرى 39 ياشلىق ئامانتاي جۈمەتاي. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىردىن پەرزەنتنىڭ دادىسى.
بۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر ئىككىلىسى 5-ئىيۇلدىكى نامايىش ۋە ئىسيانغا قاتناشقان ئەمەس، پەقەت چىرايلىرى ئۇيغۇرلارغا ئوخشىشىپ قالغىنى ئۈچۈنلا ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە غايىب بولغان.
جەمئىيەت ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئۈرۈمچىنىڭ بەزى ئولتۇراق رايونلىرىدا ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاندىقىنى تۇتقۇن قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چىققان. ئايتقازى مانا مۇشۇ بوراندا غايىب بولغان.