دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توكيودا ئېچىلغان قۇرۇلتاي يىغىنى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.05.23

rabiye-qadir-hurriyet-gezitide-305.jpgرابىيە قادىر خانىم تۈركىيىنىڭ «ھۇررىيەت» گېزىتىدە. 2012-يىلى ماي.

تۈركىيىنىڭ ھۆرىيەت، ساباھ، ئاخشام، يېڭى ئاقىت، پوستا، يېڭى شافاك قاتارلىق چوڭ گېزىت، ئاخباراتلىرى، TRT، NTV، TNT، بەياز TV، سامان يولى TV قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە دۇنيا بۇلتەنى، تايىم تۈرك، دوغۇ-تۈركىستان نېت قاتارلىق كۆپ ساندا تور بېكەتلىرىدە ئۇچۇر ئېلان قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىم توكيودا ئېچىلغان يىغىنى توغرىسىدا تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا، «خىتاي، ياپونىيىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاي يىغىنىغا ئېتىراز بىلدۈردى»، «شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا رەددىيە»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەزالىرى توكيودا جەم بولدى»، «رابىيە قادىر ئەردۇغاننى ئاكىمىز، دېدى»، «ئەردۇغان بىزنىڭ ئۆز قېرىندىشىمىز، دېدى»، «ئۇيغۇر لىدەردىن خىتايغا چاقىرىق»، «ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى»، «ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىقىنى ئىپادىلىدى»، «ئۇيغۇرلار توكيودا خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار دا ئۇچۇرلار تارقالدى.

ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 18-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان سانىدا، رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى توغرىسىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى مۇئەممەر ئەلۋەرەن ئەپەندى يازغان.

مۇئەممەر ئەلۋەرەن، رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى سۆھبەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى يازغان:
«تۈركىيە توغرىسىدا سۆز ئېچىلغاندا، ياۋروپادا بىزگە ۋىزا بەرگەن، يىغىن ئېچىشىمىزغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقان ھەتتا پارلامېنت يىغىن زاللىرىنى بىزگە ئېچىپ بەرگەن دۆلەتلەردە مۇخبىرلار، سىز ئۆزىڭىزنى تۈرك دەيسىز ۋە بۇنى دېگەندە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىسىز، مەدەنىيىتىڭىزنى، تارىخىڭىزنى قوغدايسىز، قانداق بولۇپ مىللىي قېرىنداشلىرىڭىز بولغان تۈركلەر سىزنى قوبۇل قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تۈركىيىگە كىرەلمەيسىز؟ يىغىن ئاچالمايسىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا، كۆزلىرىمدىكى ياشنى زور تۇتىمەن، تىلىم قۇرۇپ كېتىدۇ، جاۋاب بېرەلمەي يىغلاشقا باشلايمەن.»

ماقالىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ، بۇ ئىپادىلەرنى سۆزلەۋاتقاندا يەنە يىغلاپ كەتكەنلىكىنى يازغان.

ئەردۇغاننىڭ زىيارىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈستىگە يېڭى بىر كۈن چىققانغا ئوخشاش تەسەللى بولدى

ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىگە بەرگەن باھاسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان:
«ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى، بىر تۈرك باش مىنىستىرىنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزغا ئاياغ باسقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىنسانلىرىمىز، 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممىسى، بىر يېتىم بالىنىڭ بېشىنى سىلىغاندا، قانچىلىك خۇشال بولغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇر خەلقى شۇنداق خۇشال بولدى. خىتايلار بۇ خىل زىيارەتلەرنى خالىمايدۇ ۋە توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمما ئۇ بازارنى زىيارەت قىلغانلىقى مېنى بەك خۇشال قىلدى. ئەسلىدە خەلق بۇ زىيارەتنىڭ رۇخسەت قىلىنغانلىقىغا ھەيران قالدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىگە يېڭىدىن بىر كۈن چىققاندەك، چۆلدە سۇسىز قالغان ئىنساننىڭ ئېغزىغا بىر تامچا سۇ تېمىتقاندەك بولدى.»

بىزنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت بېشىغا چىققاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى تۈركىيە بولىدۇ

ماقالىدە يەنە قۇرۇلتاي يىغىنغا قاتناشقان، تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت شەندىر ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق يازغان:
«ئۇيغۇر داۋاسى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق داۋاسى. سىلەرنىڭ داۋايىڭلار بىزنىڭ داۋايىمىز. بەك مۇھىم، ھەقلىق، تارىخى بىر ئىش قىلىۋاتىسىلەر. بىر زۇلۇمغا قارشى چىقىۋاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ ھەقلىق داۋانى خىتاي ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا توسۇپ قالالمايدۇ. رابىيە قادىرنى تۈركىيە قوبۇل قىلسۇن، قىلمىسۇن، ئۇ بۇ داۋانىڭ لىدەرى. بىزنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت بېشىغا چىققان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى تۈركىيە بولىدۇ.»

ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىغا تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن خالۇق ئەخمەت گۈنەش ۋە مالىك ئەجدار ئۆزدېمىر ئەپەندىلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۆزدېمىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«كۈرەشلىرىڭلاردا سىلەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدۇق. بۇ داۋا پۈتكۈل سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ئورتاق داۋاسى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتى جەريانىدا مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىدىم. سەمىمىيەت بىلەن سۆزلەيمەن، مەن بەك تەسىرلەندىم. ئۈرۈمچىدە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى قايغۇلۇق ۋە ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتتە ئىكەن. بۇ قۇرۇلتاي يىغىنىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا چوقۇم كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىمەن. سىلەرنىڭ بۇ مىللىي داۋادا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كىرەلمەسلىكىنى ئىچىمگە سىڭدۈرەلمەيۋاتىمەن، 21-ئەسىردە ھېچقانداق بىر مىللەتكە، خەلققە دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىرقى ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن باشقىچە مۇئامىلە قىلىش قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر ۋەزىيەت.»

ھۆرىيەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«ياپون خەلقىمۇ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان خەلق. خىتاي دىكتاتورلىرى ياپون خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرلىشىپ ھاكىمىيىتىنى قۇرشاۋ ئاستىغا ئېلىشتىن قورقىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى، ياپون ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم بېرىشىنى ۋە بۇ داۋانى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشىنى قەتئىي خالىمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل شەكىلدە داۋام قىلسا، خىتاي ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئوخشاش تۇتۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننى خەلقئارا جامائەتكە ئېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ تارىخى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى، تارىخى مەنبەلىرىمىزنى، تارىخى كېلىپ چىقىش يىلتىزىمىزنى خىتاي بەك ياخشى بىلىدۇ. خىتاي، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تېررورچى، دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.»

ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«تارىخقا قارايدىغان بولساق، 1920-1930-يىللاردا ياپونىيە خەلقى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى، مىللىي كۈرەشلىرىنى قوللىغان. شەرقىي تۈركىستان لىدەرلىرى، رەھبەرلىرى ياپونىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئۇزۇن تارىخقا تۇتىشىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ئاز كەلگەندەك، خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوق قىلىپ تۇرۇپ، ياۋايى بىر مەخلۇقنى ئىسلاھ قىلىۋاتقاندەك ئاڭلىتىۋاتىدۇ، بۇلارغا ئىنساندەك ياشاشنى ئۆگىتىۋاتىمىز، دېگەنگە ئوخشاش يالغان-ياۋىداق سەپسەتىلىرىنى دۇنياغا كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل مىللىي كىملىكىمىزنى، مىللىي تارىخىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى يوق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي، ياپون خەلقى ۋە ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، تارىخىغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ياپونىيىلىكلەر ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان، مۇزېيلاردا، كۇتۇپخانىلاردا، دۆلەت ئارخىپلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، تارىخىنىڭ، دىنىنىڭ ئەڭ قەدىمى تارىخقا تايانغان تارىخى ھۆججەتلىرى بار، مانا بۇ تارىخلار ھەقىقەتتۇر.»

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇھىم سۆزلىرىگە يەر بەرگەن بولۇپ رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«خىتاينىڭ شۇئانكى ۋەزىيىتى بەك ۋەھىمىلىك. خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدە قالايمىقانچىلىق بار، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈچكە بۆلۈنگەن ۋەزىيەتتە. مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش-تالاشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ۋەزىيىتى بەك سەزگۈرلەشتى. باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. بىزمۇ بۇ ۋەزىيەتتە نېمە قىلىشىمىز كېرەك دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەۋاتىمىز. دۇنيادا تىبەت ئۈچۈن 1600 كىشى پۈتۈن كۈن ئىشلەپ مائاشلىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىپ دۇنيادىن نەچچە مىليون دوللار ياردەم ئالىدۇ. بىز بولساق ياۋروپا ۋە ئاسىيادا 10 كىشى ئىشلەيدۇ، بولارنىڭ كۆپىنچىسى قوشۇمچە خالىسانە خىزمەت قىلىدۇ.»