2012.05.22

ئۇلار قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ پارتىيىسىنىڭ شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى. تۆۋەندە تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت شاندىرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا قىلغان نۇتقىدىن مەلۇمات بېرىمىز.
ئۇ نۇتقىنى د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى سالاملاش بىلەن باشلاپ مۇنداق دېدى:
«ئەزىز قېرىنداشلىرىم، ھەممە نەرسىدىن ئاۋۋال بىز قان قېرىنداشمىز. ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللانىڭ سالىمى بىلەن ھەرقايسىڭلارنى سالاملايمەن. ئاللانىڭ رەھمىتى، سالىمى ۋە بەرىكىتى سىلەر بىلەن بىللە بولسۇن. ئەزىز قېرىنداشلىرىم، بىزنى بىر يەرگە جەم قىلغان، مۇشۇ كۈنلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۇلۇغ ئاللاغا شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك. دەردلىرىمىز، قىيىنچىلىقلىرىمىز ۋە مۇسىبىتىمىز ئېغىر. لېكىن، شۈكۈرلەر بولسۇنكى، دۇنيانىڭ پۈتۈن جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار مانا بۇ يەردە جەم بولۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىرلىشىۋاتىدۇ. مۇھىم بولغىنى مانا بۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئاللاغا، ئاندىن مانا مۇشۇ قۇرۇلتاينى تەشكىللىگەنلەرگە تەشەككۈرلىرىمنى بىلدۈرىمەن. ئاراڭلارغا قېتىلالىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىمەن. مېنى مۇشۇ يەرگە دەۋەت قىلغان د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»
مەمەت شاندىر ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، تۈرك خەلقىنىڭ بۇ دەۋادىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر داۋاسى تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق دەۋاسى. مەيلى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە بولسۇن، مەيلى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بولسۇن ۋە مەيلى باشقا سىياسىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بولسۇن، ئۆز-ئارىمىزدا پۇت تېپىشىشلەر كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە ھەممىمىز بىرلىشىمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەنكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيىدە ياشايدىغان تۈرك خەلقلىرى سىلەرنىڭ ھەسرىتىڭلاردىن خەۋەردار ۋە سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا، سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا. سىلەرنىڭ دەۋايىڭلار بىزنىڭمۇ دەۋايىمىز. چۈنكى تۈركىيىدە ياشايدىغانلارمۇ سىلەر بىلەن بىر. ئۇلار تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، تۈركىيىگە يەرلەشكەن كىشىلەردۇر. يەنى، تۈركىيە دېگەنلىك سىزلەر دېگەن گەپ. مانا بۇ سەۋەبتىن سىلەرگە ساتقۇنلۇق قىلىشقا ئەسلا بولمايدۇ. دولىسىنى چىقىرىپ تۇرۇش، دەستەكلىمەسلىك ئەقىلسىزلىقتۇر. بۇنداق بىر ئەقىلسىزلىقنى تۈركىيىدىن ئەسلا كۈتمەڭلار.»
ئۇ نۇتقىدا ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان بۇ دەۋانىڭ قانچىلىك مۇقەددەس بىر دەۋا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەزىز قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۆز قىممىتىڭلارنى تونۇڭلاركى، تولىمۇ مۇھىم بىر ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر. تارىخ يارىتىۋاتىسىلەر. ھەقلىق بىر دەۋانى ئىجرا قىلىۋاتىسىلەر. سىلەر زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر. بىر قۇل بولغۇچىغا نىسبەتەن دۇنيادا قىلالايدىغان ئەڭ گۈزەل ئىبادەت بۇنىڭدىن ئىبارەت. بۇ ئاللانىڭ يولىدۇر ۋە بۇ جەننەتنىڭ يولىدۇر. مانا بۇ سەۋەبتىن سىلەرنىڭ جەم بولۇشقاندىكى بۇ پەيتلىرىڭلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. كەمچىلىكىڭلار، خاتالىقلىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما توغرا بولغىنى، سىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلار. مەن سۈرىيىلىك تۈركمەن. سۈرىيە تۇنجى بولۇپ تۈركلەشكەن رايوندۇر. 850-يىلىدىلا شامدا تۈركلەردىن بولغان بىر ۋالىي بار ئىدى. يەنى سۈرىيىنى مىڭ يىلدىن بېرى تۈركلەر ئىدارە قىلىپ كەلگەن. مېنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىم سۈرىيىدە ياشايدۇ. ئەمما بالىلىرىغا تۈرك ئىسمى قويالمايدۇ. مۇسۇلمان ئەرەب بولغان قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدۇ ۋە ئەپسۇس سۈرىيىدە ياشايدىغان تۈركمەنلەر قورقۇپ بىر يەرگە جەم بولالمايمىز. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تۈركلەرنىڭ بېشىدا مانا بۇ مۇسىبەت بار. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. مەن ئۇنىڭ سەپدىشى. 1968-1969-يىللىرىدا ئاسارەتتىكى تۈركلەر ھەپتىلىكلىرىنى بىللە ئۆتكۈزەتتۇق. بۇ دەۋا تولىمۇ بۈيۈك. بۇ دەۋانى ئىجرا قىلىش ھەم تولىمۇ قىيىندۇر. سىلەرنىڭ بۇ داۋايىڭلار ھەق يولدىكى دەۋادۇركى، ئاللا بۇيرۇسا چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىسىلەر. بۇنىڭغا ئىشىنىڭلار!»
ئۇ نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«تارىخىي يازمىلاردىن مەلۇمكى، سىلەر ۋەتىنىڭلاردا ياشاۋاتقىلى ئىككى مىڭ يىلدىن ئاشتى. ھەتتا ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەجدادلىرىڭلار شۇ يەردە ياشايدىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ زېمىن سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار. خىتايلار ئۇ يەردە ياشاۋاتقىلى ئاران 50-55 يىل بولدى. سىلەرنىڭ قوغداۋاتقىنىڭلار ئۆز تۇپرىقىڭلار، ئۆز ۋەتىنىڭلار. ئارزۇ قىلىۋاتقىنىڭلار ئىنساندەك ياشاش. سىلەرنىڭ ئىستىكىڭلار ئۆز ئەركىنلىكىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىش. ئاللادىن بۈيۈك ھېچقانداق كۈچ يوقتۇر. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا سىلەرگە شۇنى ئەسلەتمەكچىمەن. بىزنىڭ بىر ئۆلىمايىمىز بولىدىغان. شۇ كىشى مۇنداق دەيدىغان: ‹ئەگەر بىر دەۋانىڭ سەۋدالىرى بولسا ئۇ دەۋادۇر. ئەگەر ئۇ دەۋانىڭ سەۋدالىرى بولمىسا ئۇ دەۋا ئەمەس ئاددىي بىر ئىشتۇر.› سىلەر دەۋايىڭلارغا ئىگە چىقىۋېتىپسىلەر، ئۆز رەھبىرىڭلارنىمۇ تېپىپسىلەر. سىلەر ھەقىقەتەن بەختلىك. سىلەردە قورقۇشقا، ئۈمىدسىزلىككە ئەسلا يەر يوق. سىلەرگە چوقۇم غەلىبە يار بولىدۇ. ئىمانىم بىلەن بۇنىڭغا كېپىلمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت. ئاللا ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن. سالامەت بولۇڭلار!»
نۇتۇق ئاخىرىدا بەزى ۋەكىللەر تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مەمەت شاندىر ئەپەندىدىن:بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا سوئال پەيدا قىلىدىغان ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيادىكى پۈتكۈل دېموكراتىك دۆلەتكە زىيارەتكە بارغان بولسىمۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگراسىغا كىرەلمەسلىكى. بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟-دەپ سوئال سورىدى.
مەمەت شاندىر ئەپەندى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيىنىڭ قوبۇل قىلىش -قىلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، رابىيە قادىر خانىم ھامان بۇ دەۋانىڭ رەھبىرىدۇر. دەۋا بۈيۈك بولغانلىقتىن ئۇمۇ بۈيۈكتۇر. بەزىبىر شارائىتلار تۈپەيلى تۈركىيە بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق پوزىتسىيىدە بولغان بولسىمۇ، ھامان بۇ يولدىن ۋاز كېچىدۇ. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ئۆز پارتىيەمگە ۋاكالىتەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتەيكى، ئەگەر مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغانلا بولسا، دەۋايىڭلارنىڭ مەركىزى تۈركىيە بولىدۇ. شۇنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باش رەئىسى دوكتور دەۋلەت باغچەلىنىڭ سالىمىنى ۋە تەشەككۈرىنى سىلەرگە ئېلىپ كەلدىم. يەنە شۇنداق بىلىڭلاركى، باش مىنىستىرىمىز رەجەپ تايىپ ئەردوغان، دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆڭلى بۈگۈن بۇ يەردە سىلەر بىلەن بىللە. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركىي مىللەتلەر سىلەرنى قوللايدۇ. سىلەرنىڭ دەۋايىڭلار مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدۇر. مىللىي ئازادلىقىمىزنى بىز قولغا ئالدۇق ۋە ئىشىنىدىغانلا بولساڭلار سىلەرمۇ غەلىبە قازىنىسىلەر! مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، سىلەرنىڭمۇ ئىشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»