2012.05.21

ياپونىيىدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. قۇرۇلتاي جەريانىدا ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسى باشلىقى كەيىجى فۇيۇئو ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن پارتىيە مەركىزىدە ئۇچراشتى ۋە ئۇلارغا چۈشلۈك زىياپەت بەردى.
بۇ ئۇچرىشىشقا ياپونىيە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسى رەھبەرلىرى ۋە 13 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشتى. بۇلاردىن باشقا بۇ ئۇچرىشىشقا تۈركىيىدىن كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت شاندىر ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تۈركىيە ياپونىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى جېنگىز ئەجدەر ئەپەندى ۋە خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى.
بۇ ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسى باشلىقى كەيجى فۇيۇئو ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ پارتىيىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. كېيىن خىتاينىڭ «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم قىلماڭلار، ئۇ تەشكىلات تېررور تەشكىلات» دەپ يازغان خېتىنى كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاي يازغان بۇ خەتنىڭ دىپلوماتىيىلىك ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى دېدى. خىتاينىڭ بارغانسېرى ھاكاۋۇرلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پارلامېنت ئەزاسى يوشىخىسا فۇرۇكاۋا ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ پارتىيىسىگە ئەۋەتكەن نارازىلىق خېتىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنداق خەتلەرنى يېزىشىنىڭ ياپونىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
كېيىن يەنە پارلامېنت ئەزاسى مىنورۇ كىۋچى ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن ياپونىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى. مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىتايپەرەس دىپلوماتلاردىن نەپرەت قىلاتتىم. مەن ياپونىيە پارلامېنتىدا قانۇن كومىتېتى ئەزاسى. مەن ياپونىيە پارلامېنتىغا تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن لايىھىسى يېزىپ سۇندۇم. بۇ ھەقتە مېنى قوللايدىغانلار كۆپ.»
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى، ئەسلىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، ياپونىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
كېيىن ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى باش كاتىپى سەيچى ئېتو ئەپەندى سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن سۆزگە تەكلىپ قىلدى. رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ياپونىيە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسى باشلىقى كەيجى فۇيۇئو ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە چۈشلۈك تاماق زىياپىتى بەردى.
زىياپەت ئاخىرىدا يەنە ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى شوئۇجى نىشىدا ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە توختالدى. 2 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ ئۇچرىشىش قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلايسىلەر.