14-ماي توكيودا باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 17-ماي، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى بولسا 19-ماي كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.05.19

aliy-kengesh-2012-yaponya-parlamentıdıkı-echılısh-murasımı-305.jpg4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ياپونىيە پارلامېنت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلى 14-ماي، توكيو.

د ئۇ ق توكيودا ئۆتكۈزگەن بۇ بىر ھەپتىلىك پائالىيەت جەريانىدا قۇرۇلتايدىن باشقا يەنە نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئەڭ مۇھىم بولغىنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى. ئەڭ مۇھىمى د ئۇ ق رەھبەرلىرى 19-ماي يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان فۇكۇشىما شەھىرىگە بېرىپ، زىيانغا ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، توكيودىكى پائالىيەتلەرنى خۇلاسىلىدى.

د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا 18 دۆلەتتىن كەلگەن 120 ۋەكىل،تۈركىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكا، كانادا، فرانسىيە، مىسىر ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن مۇتەخەسسىسلەرمۇ قاتناشتى.