2012.05.18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى
4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى داۋامىدا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىك سايلىمىدا رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى.
سايلام قۇرۇلتاينىڭ 3-كۈنى، يەنى 16-ماي ئۆتكۈزۈلدى. سايلامدا 18 دۆلەتتىن توكيوغا كېلىپ توپلانغان 120 ئۇيغۇر ۋەكىل ئاۋاز بەردى. رابىيە قادىر تولۇق ئاۋاز بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى.
سايلامدا يەنە، سېيىت تۈمتۈرك، مەمتىمىن ئەلا ۋە ئابدۇرېشىت تۇردى قاتارلىق كىشىلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى بولۇپ سايلاندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق قۇرۇلتىيى 14-ماي باشلانغان بولۇپ، 17-ماي ئاخىرلاشتى.
6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى توكيودا رەسمىي باشلاندى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 6-نۆۋەتلىكى 18 ماي ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.
بۇ كۇرسقا 16 دۆلەتتىن 100 ۋەكىل قاتناشماقتا. 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ كۇرستا 14 مۇتەخەسسىس لېكسىيە سۆزلىمەكچى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لوئىيسا گرېۋا خانىم سۆزلىدى.
6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 20-ماي ئاخىرلاشماقچى.
ئۇ ق يىغىنى ۋېن جياباۋ-يوشىخىكو نودا سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان
14-ماي توكيودا باشلانغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەر خىل نۇقتىلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا، مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى پىكىر خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىكو نودا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە خىتاي-ياپونىيە ئارىسىدىكى سېنكاكو مەسىلىسى ۋە د ئۇ ق نىڭ توكيودا چاقىرىلغان يىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىككى مەسىلىدىكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ياپونىيە باش ۋەزىرى د ئۇ ق نىڭ يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ: خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قىممەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش زۆرۈر، دەپ تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 14-ماي ياپونىيىدە باشلانغان 4-نۆۋەتلىك يىغىنى، ياپونىيە -خىتاي-جەنۇبىي كورىيە 3 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە ئېچىلغان ئىدى.
ئايگۈل مەمەتنىڭ ماھارىتى تاماشىبىنلارنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قىلدى
كانادادىكى ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت 13-ماي كانادادىكى ئەڭ چوڭ تالان سەھنىسىدە يۇقىرى ماھارىتى بىلەن تاماشىبىن ۋە باھالىغۇچىلارنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇردى.
ئايگۈل مۇئەللەقتە ئارغامچىغا بېكىتىلگەن چەمبىرەككە ئېسىلىپ تۇرۇپ قىيىنلىق ۋە خەتەرلىك دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى سېرك ماھارىتى كۆرسەتتى.
گەرچە ئايگۈل ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن بىرىنچى بولۇپ تاللىنالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى ۋە يۇقىرى ماھارىتى ئۇنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇردى.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئايگۈل مەمەتنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر داۋاسىنى تونۇتۇشقا بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدە
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر باشلىقى 5-ئىيۇلدىن كېيىن بالىسى غايىب بولغانلارنىڭ بىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، غايىب بولغانلار سانىنىڭ 300 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
گەرچە بۇ سان تېخى رەسمىي ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، بۇ 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلار ھەققىدىكى پەرەزلەرنى يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بىز بۇ ساننىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنى تىزىملاشقا مەسئۇل خادىمى ئەمەتجان بىلەن سۆزلەشتۇق.
ئۇ ئۆزىنىڭ غايىب بولغانلارنى تىزىملاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش ۋەقەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ۋەقەنىڭ دائىرىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بىز بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق ئىزدىنىمىز.
جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئوقۇلدى
جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېئان روبېرتس«قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى» ناملىق لېكسىيىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
لېكسىيە 16-ماي ئامېرىكا پايتەختىگە جايلاشقان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
پروفېسسور روبېرتس لېكسىيىدە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە زەربىگە ئۇچرىغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈپ قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىنىڭ يىگىرمە يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە ئوينىغان رولى، ھەر قايسى سىياسىي ھەرىكەتلەردە تۇتقان ئورنى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.
پارتكوم سېكرېتارىنىڭ «خاسىيەتلىك» چۈجىسى ئۇچتۇرپان دېھقانلىرىغا زىيان سالدى
ئاشكارىلىنىشىچە، ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋۇ لىشىڭ بىر يېقىنىنىڭ توخۇ فېرمىسىنى روناق تاپتۇرۇش ئۈچۈن، ناھىيىدىكى ئاقتوقاي قاتارلىق بىر قىسىم يېزىنىڭ دېھقانلىرىنى توخۇ بېقىشقا مەجبۇرلىغان.
بۇ يېزىلاردا ھەر بىر ئائىلىگە 25 تىن توخۇ بېقىش ۋەزىپە قىلىنغان. دېھقانلار 4 يۈەندىن مەجبۇرىي سېتىۋالغان چۈجىنىڭ بازاردىكى باھاسىنىڭ بىر يۈەن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، چۈجىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلغاندا تەھدىتكە ئۇچرىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېزا دېھقانلىرى مەجبۇرىي سېتىۋالغان بۇ چۈجىلەرگە «خاسىيەتلىك چۈجە» دەپ كىنايىلىك ئىسىم قويغان. كېيىن دېھقانلار بۇ چۈجىلەرنىڭ بىر خىتاي كارخانىچىنىڭ فېرمىسىدىن كەلتۈرۈلگەنلىكى، بۇ كارخانىچىنىڭ ۋۇ لىشىڭنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
بۇ خىلدىكى ۋەقە ئىلگىرى يېڭىسار يېزىسىدىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۆي ئاختۇرۇشلىرىدا 55 ياشلىق ئانا رابىيگۈل ياسىنغا ئوق تەككەن
خىتاينىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۆي ئاختۇرۇشلىرىدا 55 ياشلىق ئانا رابىيگۈل ياسىنغا ئوق تەككەن. ۋەقە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى 64-قورۇدا يۈز بەرگەن.
7-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدە مەزكۇر قورۇغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتاي ساقچىلىرى قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق 18 ئائىلىدىن 20 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغان، بۇ جەرياندا رابىيگۈل ۋە ئۇرايىمجان ئىسىملىك ئىككى كىشىگە ئوق ئېتىپ يارىلاندۇرغان. يارىدار ھالەتتە 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان رابىيگۈل ياسىن ساقچىلار تەرىپىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سالامەتلىكى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن.
رابىيگۈل تۈرمە دوختۇرخانىسىدىن چىققاندىن كېيىن تاياققا تايىنىپ ماڭىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ئىشلەش ئىقتىدارىدىن تامامەن ئايرىلغان. خىتاي ساقچىلىرى رابىيگۈلنى خاتا ھالدا ئاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئەپۇمۇ سورىمىغان، ئۇنىڭ بىر قىسىم داۋالىنىش خىراجىتىنى كۆتۈرگەندىن باشقا، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تۆلەممۇ بەرمىگەن.