2012.05.18
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا د ئۇ ق نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، د ئۇ ق نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قايتۇرغان ئىنكاسى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
باياناتتا قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئەسكەرتىپ: د ئۇ ق مېنىڭ رەھبەرلىكىمدە زوراۋانسىز ۋە تىنچ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى ئالغا سۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە يولغا قويغان باستۇرۇش، سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ: مەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى، خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارزۇلىرىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە سىياسىي مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشنى جىددىي ئويلىشىشقا چاقىرىمەن، دېگەن.
ياپونىيىدە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان. خىتاي ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بەزى سۆھبەتلەرنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.