14-ماي كۈنى توكيودا باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن يەنى 17-ماي كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.05.17

aliy-kengesh-2012-namayish1-305.jpg4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان پۈتۈن ۋەكىللەر خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. 2012-يىلى 17-ماي، توكيو.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە بۈگۈن ۋەكىللەر گۇرۇپپىلىرى مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرىدە ھەر قايسى گۇرۇپپىلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، پەن-مائارىپ قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، باش كاتىپ نۇرمەمەت مۇساباينىڭ خۇلاسە دوكلاتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېپىش نۇتقى بىلەن ئاخىرلاشتى.

قۇرۇلتاي ئاخىرىدا بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت، جەمئىيەتنىڭ ياپون ئەزالىرىغا شۇنداقلا بۇ يىغىنغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تۆھپىلەرنى قوشقان ياپون پارلامېنت ئەزالىرىغا خاتىرە بۇيۇملىرى تارقىتىلدى.

ئاخىرىدا قۇرۇلتايغا قاتناشقان پۈتۈن ۋەكىللەر خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشقا 18 دۆلەتتىن كەلگەن 120 ۋەكىل، ياپون پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى.

بىز نەق مەيداندىن بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى ئۇلارغا ئۇزاتتۇق.