تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيەدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، يۇرتىغا قايتقاندا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېردا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەكرەم مەمەت ئايالى خەلىچەئاي بىلەن.

بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركىيەدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ قايتقان ئەكرەم مەمەتنىڭ 2018-يىلى لاگېرغا تاشلىنىپ، 2019-يىلى لاگېردا ئۆلگەنلىكى جەزىملەشكەن. ئۇنىڭ ساۋاقدىشى نۇرەتتىن ئىزباسار ھەر خىل يوللار بىلەن ساۋاقدىشى ئەكرەم مەمەتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەكرەم مەمەت 2011-يىلى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن. 2016-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا دەرس بېرىشكە باشلىغان ۋە 2018-يىلى لاگېرغا تاشلانغان.

ئەكرەم مەمەتنىڭ ساۋاقدىشى نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندى 2005-يىلىدىن تارتىپ ئەكرەمنى تونۇيدىغانلىقىنى، بىللە ئوقۇپ بىر ياتاقتا تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «مەن نۇرەتتىن ئىزباسار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىن. 2005-يىلى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىندىم. قېرىندىشىم ئەكرەم مەمەت بولسا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ سىڭگىم دېگەن جايىدىن. ئۇمۇ ئىمتىھان بېرىپ بىزنىڭ بۆلۈمگە ئۆتۈپتىكەن. 2005-يىلى مەكتەپتە تونۇشتۇق. 5 يىل بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق. يەنە 5 يىل بىر ياتاقتا ياتتۇق. ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇقنى ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە بىللە چىقتۇق. ئەكرەم مەمەت ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. مەن ئىستانبۇلدىكى مىمار-سىنان گۈزەل سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. ئۇ، 2016-يىلى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. 2018-يىلىدا جازا لاگېرىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق».

نۇرەتتىن ئىزباسار ئەپەندى بۇرۇن ساۋاقدىشى ئەكرەم مەمەتنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئاڭلىغان بولسىمۇ ئىشەنگۈسى كەلمىگەنلىكىنى، ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن يوللار ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنى ئېنىقلاشقا تىرىشقانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەزكۇر خەۋەرنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئەكرەم مەمەتنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى توغرىسىدا بەك ئاز خەۋەر ئاڭلىغان ئىدۇق. لېكىن ۋەتەندىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەچكە دەلىللىيەلمىگەنىدۇق. ھەتتا ئىشەنمىگەنىدۇق. چۈنكى ئۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئەكرەم مەمەتنىڭ جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر ئالدۇق. دەسلەپتە بىر قانچە كۈن بۇ خەۋەرگە ئىشەنمەي دەلىللەشكە تىرىشتۇق. بىر قانچە ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ئارقىلىق دوستىمىز ئەكرەم مەمەتنىڭ جازا لاگېرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۇق».

ئەكرەم مەمەتنىڭ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور خالىل ئىبراھىم ئۇستا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا يازما ھالدا جاۋاب ئەۋەتكەن. ئۇ، يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئوقۇغۇچىم ئەكرەم مەمەت يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ كۆڭلۈم يېرىم ئىدى. ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇددى ئۆز ئۇكام ئۆلۈپ كەتكەندەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى».

ئەكرەم مەمەتنىڭ ئۇستازى يازمىسىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «تىرىشچان دۇرۇس، ئادالەتلىك مۇلايىم ئەخلاق ۋە پەزىلەتلىك بىرى ئىدى. ھېچ بىر زامان يالغان گەپ قىلمايتتى. ئىككى يۈزلىمىچى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنداق بىر پەرزەنت يېتىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن پەخىرلىنىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ياشايدىغان، تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۆز ئۇكام تۈگەپ كەتكەندەك كۆڭلۈم يېرىم بولدى.»

2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا بىللە ئوقۇغان ئۆزبېك ساۋاقدىشى گۈلجەننەت خانىم ئەكرەم مەمەتنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق تىرىشچان بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

2012-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى «چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى» بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ ئوقۇغۇچى تاللىغان. ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقان كىشىلەرنىڭ كۆپى تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن توختامنامە تۈزۈپ، ئۆزى پاسپورت بېرىپ، ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئەمدىلىكتە تۈرمىگە تاشلىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەكرەم مەمەت 2016-يىلى «تۈركچە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرىنىڭ فۇنكسىيە ۋە مەنە جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ مەنبەسى» تېمىسىدىكى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى