2012.05.15

يىغىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتقى بىلەن باشلاندى. رابىيە قادىر خانىم نۇقتىدا مۇنداق دېدى:
«2009-يىلى ئامېرىكىدا چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، مەن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ۋەكىللەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە قۇرۇلتاينىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەم ئەھمىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالدى.
قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئۆمەر قانات، ئەسقەر جان، ھەسەن ھۈسەن، قەھرىمان غوجامبەردى ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەردى.
باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ 3 يىللىق خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. كېيىن د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى قوشۇمچە دوكلات بەردى.
گېرمانىيىدىن كەلگەن ئۈمىد تۇرسۇن ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مالىيە دوكلاتىنى بېرىپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە باش تەپتىش نۇرمەمەت مۇساباي، باش تەپتىشنىڭ مۇئاۋىنى نۇرمەمەت روزاخۇن ئەپەندىلەر تەپتىش دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە 3 يىلدىن بېرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى ئۈستىدىن تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى دوكلات بەردى.
بۇ قۇرۇلتايغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ ياپونىيىدە نۆلدىن باشلاپ قانداق قىلىپ قۇرۇلتاي چاقىرالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن تەسىرلەنگەن بەزى ۋەكىللەر كۆز يېشىنى تۇتالماي يىغلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىن ئاخىرىدا، رابىيە قادىر خانىم خۇلاسە نۇتقى سۆزلىگەندىن كېيىن، نىزامنامە بويىچە د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئىستېپا قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا 16-ماي كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام ئۈچۈن سايلام كومىتېتى تۇرغۇزۇلدى. قۇرۇلتاي 18-ماي كۈنى ئاخشام ئاخىرلاشماقچى.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە باش تەپتىش نۇرمەمەت مۇسابايلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.