2012.05.15
مىنباۋ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توكيودىكى يىغىنى ھەم خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئارال ۋە دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى سەۋەبلىك، ياپونىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىقتىساد مەسىلىلىرى ھەققىدىكى سۆھبەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئېچىلىۋاتقان يىغىنى بۈگۈن 2-كۈنىگە قەدەم قويدى. تۈنۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ياپونىيە -ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان ئىدى. يىغىندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر ياپونىيىدىكى ياسۇكۇنىي قەبرىستانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر گېنېرال ماھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەرھۇم مۇخلىس مۇھىتىنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغان ئىدى.