د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا رەسمىي باشلاندى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش يىغىنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.05.14

aliy-kegnesh-yapon-muxpirlarni-kutiwelish-yighini-305.jpgئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2012-يىلى 14-ماي، توكيو.

ئېچىلىش شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ۋە ياپونىيە مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى.  يىغىنغا 18 دۆلەتتىن كەلگەن 120 ئۇيغۇر ۋەكىلدىن باشقا يەنە ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن تاكەئو خىرانۇما ئەپەندى، كەيجى فۇرۇيا ئەپەندى، ھاكۇبۇن شىمومۇرا ئەپەندى، سانائە تاكايچى ئەپەندى، ياسۇتوشى نىشىمۇرا ئەپەندى، سەيچى ئېتو ئەپەندى، ئىچىروئۇ كاموشىتا ۋە ئىتالىيە يۇقىرى پالاتا ئەزاسى ماكرو پېردۇكا ئەپەندىلەر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. بۇلاردىن باشقا ياپونىيە سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى يوشىكو ساكۇراي خانىم، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى مۇئاۋىن رەئىسى لوئىسا گرېۋە خانىم، نورۋېگىيە رافتو فوندىنىڭ سابىق رەئىسى ئارنە لىلجەداھل لينڭلارد ئەپەندىلەر سۆز قىلدى. 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھىندىستان، رۇسىيە، پولشا ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن دىپلوماتلار كېلىپ قاتناشتى.4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى تاكەئو خىرانۇما ئەپەندى سۆز قىلدى. 2012-يىلى 14-ماي، توكيو.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتقىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ يىغىننىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا قۇلايلىق شارائىت تۇغدۇرۇپ بەرگەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىن كېيىن ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىيە دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيىدە كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ياپونىيە پارلامېنت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلى 14-ماي، توكيو.

كېيىن، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى تاكەئو خىرانۇما ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي زورايغانسېرى بىزنىڭ زېمىنىمىز بولغان سېنكاكو ئارىلىنىمۇ ئۆزىنىڭ دەۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىگە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىدى.

پارلامېنت ئەزاسى كەيجى فۇرۇيا ئەپەندى قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقى، خىتاينىڭ زورلۇق سىياسىتىگە قارشى كۈرەشتە ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىش لازىملىقى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ۋە ئەركىنلىككە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە ئورتاق قارشى چىقىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، نېمە سەۋەبتىن بولسا بولسۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يوشىكو ساكۇراي خانىم، ياپونىيە ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىن كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ كۈچنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش جەھەتتە ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ياپونلار ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقى بىلەن تارىخىي مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تونۇلغان خىتاي يازغۇچى لىن باۋخۇئا ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى بىكار قىلغاندا ھەم دېموكراتىيە يولىغا ماڭغاندا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار تارتقان ئازابلار ئازايغاندا، رابىيە قادىر خانىممۇ ئۆز يۇرتىغا قايتالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئېچىلىشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ياپونىيىدە چاقىرىشتىكى مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئىچىدىكى زالدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق چەتئەل مەتبۇئات ئورگانلىرى ۋە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خادىملىرىدىم 100 ئەتراپىدا مۇخبىر قاتناشتى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باياناتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇخبىرلار ئارقا -ئارقىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سوئاللار سورىدى. 1 سائەت داۋاملاشقان مەتبۇئات بايانات يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي ئاڭلىتىلدى. ياپونىيىنىڭ بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى.

د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلىشىپ ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن ياپون پارلامېنت ئەزالىرى زالدىن چىقىۋاتقاندا بىر گۇرۇپپا ياپونىيىلىك پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلاشتى.

14-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەكىللەر مەرھۇم مۇجاھىت مەرھۇم مەخمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مەرھۇم مۇخلىس مۇھىتىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلدى.

14-ماي كۈنى ئاخشام ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى ۋە كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى. بۇ زىياپەتكە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر، تىبەت، موڭغۇل، ياپون پارلامېنت ئەزالىرى ۋە باشقا ياپونلار قاتناشتى. زىياپەتتە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندى مۇئاۋىن باشلىقى لوئىسا خانىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.

بۇ زىياپەتتە بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي ياپونىيىگە رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەردىڭ دەپ نارازىلىق خېتى سۇنغان، شۇنداقلا بۇنىڭ تۈپەيلى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان باش مىنىستىر نودا ئەپەندىنى قوبۇل قىلمىغان.

15-16-ماي كۈنلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىق يىغىنى ئېچىلماقچى.

بىز ئېچىلىش مۇراسىمى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ۋە ئىنكاس ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.