2012.05.14
دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۈشەنبە كۈنى توكيودا باشلانغان مەزكۇر يىغىننى ھەر خىل نۇقتىلاردىن خەۋەر قىلغان. توكيودىكى بۇ يىغىن د ئۇ ق نىڭ بىر ئاسىيا دۆلىتىدە چاقىرغان تۇنجى يىغىنى. خىتاي ياپونىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ يىغىنغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، بىراق يىغىننى بىكار قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىدە باشلانغان 4- نۆۋەتلىك يىغىنى، ياپونىيە - خىتاي- جەنۇبىي كورىيە 3 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە ئېچىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىش، دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، توكيودىكى يىغىننى چەكلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە يىغىننى چەكلەشنى رەت قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيە باش مىنىستىرىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان-بىلدۈرمەيدىغانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندىن قىزىقىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىكو نودا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە خىتاي-ياپونىيە ئارىسىدىكى سېنكاكو ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە د ئۇ ق نىڭ توكيودا چاقىرىلغان يىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىككى مەسىلىدىكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ۋېن جياباۋ ئەسكەرتىپ: جۇڭگونىڭ نېگىزلىك مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، دەپ تەكىتلىگەن. بىراق باش مىنىستىر نودا ياپونىيىنىڭ بۇ ئىككى مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئاقلاپ، خىتاينىڭ دېڭىز ھەرىكىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى پائالىيىتى ياپونىيە خەلقىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق بۇ مەسىلىنىڭ ياپونىيە-خىتاي ئومۇمى مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ياپونىيە باش مىنىستىرى د ئۇ ق نىڭ يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ: خەلقئارا ئاساس ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش زۆرۈر، دەپ تەكىتلىگەن ۋە ئىككى تەرەپ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆھبەت مۇنبىرى يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلغان. بىراق ۋېن جياباۋ ياپونىيە باش مىنىستىرىنىڭ بۇ تەكلىپىگە جاۋاب بەرمىگەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى د ئۇ ق نىڭ يىغىنىغا قارشى تۇرۇپ، ياپونىيىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى ناتايىن. ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت رەسمىيەت ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: مېنىڭچە بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى پەقەت رەسمىيەت ئۈچۈن، خالاس. چۈنكى ئۇ مەيلى ياپونىيە بولسۇن، مەيلى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ياپونىيە بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە سۆز-ئىپادە ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەلدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ بۇنداق بىر يىغىننى چەكلىشىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ. شۇڭا بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېگەندىن كۆپرەك جۇڭگو پەقەت رەسمىيەت ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرۈپ قويدى، دېگەن تۈزۈك، دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە قادىر خانىم، دۈشەنبە كۈنى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي دۇنياۋىي كۈچكە ئايلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بىراق بۇ خىل سىياسەتنىڭ زامانىۋى دېموكراتىيە دەۋرىدە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ خىتاينى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا خاتىمە بېرىشكە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرىپ، رابىيە خانىمنىڭ خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي، دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر يىغىن توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، د ئۇ ق نىڭ ياپونىيىگە يىغىن ئۆتكۈزۈشىگە يول قويغانلىقىدىن قاتتىق نارازى. شىنجاڭ مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ قەتئىي تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە تەدبىر قوللىنىپ، بۇنىڭ يامان تەسىرىنى تازىلىشىنى، ئەمىلى ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالاقىدار شەخسنىڭ سۆزى ئۇنىڭ جۇڭگوغا قارشى، بۆلگۈنچىلىك مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى. بىز ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك غەرىزىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دېگەن.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىكى خاتالىقنى تۈزەتمەي تۇرۇپ، باشقىلارنى تەنقىد قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ: ئەلۋەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىنىڭ، جۈملىدىن ئاتالمىش «جۇڭگو مودېلى»، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم» دېگەن ئىستىبدات تەرەققىيات شەكلىنىڭ ھەر خىل ئەندىشىلەرنى قوزغاپ، چەتئەل كۈچلىرىنى بىئارام قىلغانلىقىنى، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىمۇ بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارغا يەنە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ چەتئەلدىكى خەنزۇلارنىڭ بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ بولسۇن ئەركىنلىك كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئەڭ ئاساسلىق بىر ئېقىم. بولۇپمۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن مەيلى بو شىلەي ۋەقەسى، مەيلى چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسى بولسۇن،
دۇنياغا «جۇڭگو تەرەققىيات مودېلى» دىكى مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇ مەسىلىلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەنزۇ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك كۈرىشىگە تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئالغاندا ئۇلار تەجرىبە -ساۋاقنى يەكۈنلەپ، بۇرۇن سادىر قىلغان خاتالىقنى تۈزەتمىگۈچە، نوقۇل باشقا دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، دەپ كۆرسەتتى.
خەلقئارا ئاگېنتلىقلار ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 داۋام قىلىدىغان مەزكۇر يىغىنى ھەققىدە كەڭ خەۋەر بەرگەن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ، توكيودىكى يىغىن د ئۇ ق نىڭ 2009- يىلى ئۇيغۇر-خىتاي مىللىي توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن بۇيان چاقىرغان تۇنجى قۇرۇلتىيى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولسا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقى ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ «بۇرۇن بىز ئۆز ھوقۇقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولساق، ھازىر بىز ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ياپونىيە «ماينىچى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، توكيودىكى يىغىن دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىشى بىلەن باشلانغانلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. رابىيە خانىم يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقى، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ھەر قانداق مىللەت تۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتىنى، دېگەن ئىدى.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، رابىيە قادىر ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەشەببۇس تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىراق جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ دائىم ئۇيغۇرلارغا بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ خىل ئەيىبلەشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.