2012.04.27

د ئۇ ق گۇەنتانامودىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا خىتاينىڭ بىلدۈرگەن نارازىلىقىنى تەنقىد قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى گۇەنتانامودىكى يەنە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇراق ۋە خاماد مەمەت قاتارلىق ئىككىيلەننىڭ ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي بۇ قېتىممۇ يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا يەنە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ ۋېيمن بۇ ئۇيغۇرلارنى «خەتەرلىك كىشىلەر» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئەل سالاۋادۇرنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇيغۇر رەھبىرى ۋە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خادىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ليۇ ۋېيمننىڭ يۇقىرىقى باياناتىنى رەت قىلدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇقنى ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىمدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان كوزىر قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى

23-ئاپرېل ياپونىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان، گۇرۇپپىغا 20 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان، ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې باش مەسلىھەتچى بولغان.

ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىشخانىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىپ، سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. يىغىنغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتقان.

قۇمۇل راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتىپى تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

قۇمۇلدىكى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە «راھەتباغ» 1-ئوتتۇرا مەكتىپى بۇ يىل تاقىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، قۇمۇل مائارىپ تارماقلىرى «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى» بويىچە «راھەتباغ» ئوتتۇرا مەكتىپىنى، قۇمۇل شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇۋېتىشنى قارار قىلغان.

قارار مەزكۇر مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق كىشىلەردە نارازىلىق پەيدا قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن بۇ مەكتەپنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلانماقتا. ھازىر ياۋروپادا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان «راھەتباغ» ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىسى مېھراي مەمتىلى ئانا مەكتىپىنىڭ تاقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيىلىكلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

23- ئاپرېل خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە يۈزدىن ئارتۇق سۈرىيىلىكمۇ قاتناشتى. ئۇلار خىتاينى «زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ شېرىكى» دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر نامايىشچىلار سۈرىيىلىكلەرگە ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتايغا قارشى ئورتاق سەپ ھاسىل قىلدى. ئۇلار ئۆز-ئارا بايراق ئالماشتۇرۇشۇپ، بۇندىن كېيىن ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەشتى.

نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، فالۇنگوڭچىلار، خىتاي دېموكراتلىرى قاتناشقاندىن سىرت، گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقانىدى.

شىخەنزە كونا بازاردىكى ئۇيغۇرلارنى زىيانغا ئۇچراتقان 8 قىمارخانا تاقىۋېتىلدى

شىخەنزە شەھىرىنىڭ كونا بازار مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېقىندا شىخەنزىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيانغا ئۇچراتقان بارلىق قىمارخانىلار تاقىۋېتىلگەن. بەزى ئائىلىلەرگە تارتقان زىيىنىنىڭ بىر قىسمى تۆلەپ بېرىلگەن.

شىخەنزە شەھىرىنىڭ كونا بازار مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر بۇ يىلنىڭ بېشىدا رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ، مەھەللىدە 8 قىمارخانا بارلىقىنى، بۇلارنىڭ مەھەللىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاھالىلەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا شىخەنزىدىكى خىتاي ساقچىلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ، مەزكۇر قىمارخانىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ جەرياندا ئەھۋال ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇچىلارغا ئاز-تولا تەھدىت سېلىپ باققان بولسىمۇ، ئاخىرى قىمارخانىلارنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان.

ئاھالىلەر قىمارخانىلارنىڭ تاقىلىشىنى ۋەقەنىڭ ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا.

لوندون كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار شېئىر ئوقۇدى

لوندون كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئېلىپ بېرىلغان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى روشەن گەۋدىلەندۈرىدىغان ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «قەلەم» ناملىق شېئىرى دېكلاماتسىيە قىلىندى.

شېئىرنى ئەنگلىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكار رەھىمە خانىم ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇدى.

2012-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتناشقان خىتاي ۋەكىللىرى، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى تاللىغان يازغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۆكتىچى يازغۇچىلار قاتناشتۇرۇلمىغان. ئەمما چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلاردىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى پاش قىلغان.

رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىدىكى دېكلاماتسىيىدىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەشكەن.

«مىللەتلەر ۋە دىنىي مەزھەپلەر يىغىنى» خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى «مىللەتلەر ۋە دىنىي مەزھەپ رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى» دا خىتاي خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى.

خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامادىن باشقا يەنە خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى، موڭغۇل ھەرىكىتى، فالۇنگوڭچىلار قاتارلىق گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان.

يىغىن ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان يىغىن ئاخباراتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئەھۋالى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشكە چاقىرغان.

23-ئاپرېل مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ھەر يىلى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 23-ئاپرېل مۇستەقىللىق ۋە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تەكلىپ قىلىندى.

4 ياشلىق ئۇيغۇر مۇجاھىد قەشقەرلى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ۋاكالىتەن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدىكى بالىلار بايرىمى ئۈچۈن ھازىرلانغان مەخسۇس پروگراممىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.

مۇجاھىد قەشقەرلى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك يازغان «بىز كىم» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. پروگرامما رىياسەتچىسى شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە بېسىم تۈپەيلى كۆزلىرىدىن ھېچ ياش ئۆكسۈمىگەن بالىلار بار بارلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.