2012.04.25

مەزكۇر كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، شىزاڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇياڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خۇ چۈنخۇا ۋە خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىنىدىغان كەلگۈسى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى بېرىلگەن.
كىتابتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلگەن. كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.