2012.04.13
تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ئۈرۈمچىگە كەلگەندە…
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۈرۈمچى خەلقى كۆز ياشلىرى بىلەن ھاياجان ئىلىكىدە قارشى ئالدى. ھەتتا ئۇنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان بەزى ئۇيغۇرلار كۆز يېشىمۇ قىلىشتى.
8-ئاپرېل خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئەردوغان بارغان مەسچىت ۋە چوڭ بازار ئەتراپىنى تولۇق قوراللانغان ساقچى كۈچلىرى بىلەن قورشاپ، ھېچقانداق ئاپتوموبىل ۋە ئادەمنى كىرگۈزمىگەن.
بىز 10-ئاپرېل يەنى ئەردوغان ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياجانلىرىنى ئىپادە قىلىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتى داۋامىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان ۋە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتى بىر كۈن بىلەنلا چەكلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كوچىلارغا چىقىپ ئەردوغاننى ھاياجان ئىلىكىدە ئوتلۇق سالاملار بىلەن قارشى ئالغان.
خىتاي ئاخباراتلىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىگە كەلگەندە جىم بولۇۋالدى
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» ئەردوغان ئۈرۈمچىدىن كەتكەندىن كېيىن، قىسقىغىنا بىر پارچە خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمىدى.
تۈركىيە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنى كۆپ ئادەمگە بىلدۈرۈشنى خالىمايدىكەن.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينىڭ 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى قانلىق باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە بۇنى «قەتلىئام» دەپ ئاتىغان ئىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنى ئۈرۈمچىدىن باشلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي ئاخباراتىدىكى بۇ خىل «جىملىق» چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى دۈشەنبە كۈنى ئاندىن تور بېتىگە چاپلىغان.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشىشىنى خالىمايمىز
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7-ئاپرېل ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ئاستىدا ياشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ «كونيا» ئايرودرومىدا بىر مۇخبىرنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شۇنى ئوچۇق دېيىشىم كېرەككى ئىلگىرى ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى قايتا تىلغا ئېلىش توغرا ئەمەس.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىز ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەسلا زۇلۇم كۆرمەسلىكنى ئىستەيمىز. بىز ئۇلارنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشمىز لازىمدۇر. «خىتاي بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش جەرياندا ئاسسىمىلياتسىيىلەرنىڭ قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ» دېگەن نۇقتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ناھايىتى تەسىرلەندۈرگەن.
رابىيە قادىر خانىم: ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە قويغان تەلەپلەرگە رەددىيە بېرىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يوسۇندىكى پائالىيەتلىرىگە ھەرگىز توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، دېدى.
9-ئاپرېل خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «بۆلگۈنچى تەشكىلات» دەپ ئاتىغان ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ پائالىيەتكە يول قويماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن تىنچ يوسۇندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: مەن دېموكراتىك تۈزۈمدىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى چوقۇم قوللايدۇ، دەپ ئىشىنىمەن.
يەكەن بازىرىدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىلەر، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن غەۋغالىشىپ ئىككى بىنانى چېقىلىشتىن توسۇپ قالدى
يەكەن بازارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بازارنىڭ سەيچى كەنتىدىكى ئاھالىلەرگە تەئەللۇق بولغان ئىككى بىنانى ئاھالىلەرنىڭ ماقۇللۇقىسىز بىر خىتاي شىركىتىگە سېتىۋەتكەن ھەم ئاھالىلەرگە ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن.
ئاھالىلەر بازارلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ بىنانىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلسا، دائىرىلەر بىنانىڭ سېتىلغانلىقىنى ئۇلاردىن يوشۇرغان. 12-ئاپرېل يەكەن بازارلىق ئۆي چىقىش ئەترىتى مەزكۇر ئىككى بىنانىڭ ئەتراپىغا يىپ تارتىپ، بىنانى چېقىشقا ھەرىكەت قىلغان.
بۇنىڭ بىلەن سەيچى كەنتىدىكى 100 دىن ئارتۇق كىشى بىنا ئەتراپىغا توپلىنىپ، ئۆي چېقىش ئەترىتى ۋە دائىرىلەر بىلەن توقۇنۇشقان ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. غوۋغا كۈچەيگەندە، ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرى ئاھالىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئۆي چېقىش ئەترىتىنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇپ ئەكەتكەن.
خىتاي ئۇيغۇر «تېررورچىلىرى» نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى
5-ئاپرېل خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 3-قېتىملىق تېررورچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، 6 نەپەر ئۇيغۇر جەڭگىۋارنى مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزدى. ئۇلار نۇرمەمەت مەمتىمىن، ئابدۇقېيۇم قۇربان، فارۇق تۇرسۇن، تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا، نۇرمەمەت رىشىت، مەمتىمىن نۇرمەمەت قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تىزىملىكتە بۇ ئالتە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرى-كېيىن قىلغان ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ ب د ت «تېررورچى تەشكىلات» دەپ ئەنگە ئالغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2003-يىلى 15-دېكابىر تۇنجى قېتىملىق ئاتالمىش «تېررورچىلار تىزىملىكى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.
«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئوقۇشلۇق» ناملىق كىتاب ھەققىدە
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇستاز توختى ئاخۇن ئەركىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئوقۇشلۇق» ناملىق كىتابى يېقىندا ئەرەب تىلىدا نەشر قىلىندى.
كىتاب ئەرەب ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كىتاب ھەققىدە بەرگەن باھالىرى ئالاھىدە يۇقىرى بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سىراجىدىن ھاجىم مەزكۇر كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىراجىدىن ھاجىم ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئەرەب تىلىدا يېزىلىپ تارقىتىلغان كىتابلارغا قارىغاندا مەزكۇر كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ مۇپەسسەل،سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرا ۋە پاكىتلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: كىتاب «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قوزغىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە قارىلاش تەشۋىقاتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىش مەقسىتىدە يېزىلغان.