2012.04.10
خىتاي ھۆكۈمىتى 9-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەينى كۈننىڭ ئۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ياپونىيىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرىغا چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆز بايانىدا ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا ۋىزا بېرىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى يەنە، ياپونىيىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىنى ياپونىيىدە ئاچقۇزماسلىق ھەققىدىكى تەلەپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمما تەلەپنامىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنىڭ ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى مەسئۇلى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتنىشىدىغان بولۇپ، ياپونىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم شەخسلەر قۇرۇلتاي تەييارلىقى ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولغان.