2012.04.09

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۆلگۈنچى بىر تەشكىلاتلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ پائالىيەتكە يول قويماسلىققا چاقىردى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئەللەردىكى تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرگىزمۇ توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە يىغىن ئېچىشىغا يول قويماسلىققا چاقىردى. ليۇ ۋېيمىن سۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاينىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن تەشكىلاتلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاينى پارچىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن: «ياپون ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ ياپون زېمىنىدا خىتاينى پارچىلاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك» دېدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن تىنچ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەشكىلاتلىقىنى ئەسكەرتتى.
رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە دىپلوماتىيە كۈچىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بىسىم سىياسىتىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دېموكراتىك ئەللەرنىڭ پرىنسىپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇستەقىل ۋە دېموكراتىك بىر دۆلەت بولغان ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.