2012.01.06

رابىيە قادىر خانىم: «مىللىي داۋا سېپىمىزنى تېخىمۇ ياشلاشتۇرماقچىمىز، جانلاندۇرماقچىمىز…»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى بۇ يىل 14-مايدىن 20-مايغىچە ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئېچىش قارار قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، يىغىننىڭ ۋاقىت ۋە ئورۇن جەھەتتىن تارىخىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىم سۆھبەت داۋامىدا: مىللىي داۋا سېپىمىزنى تېخىمۇ ياشلاشتۇرماقچىمىز ۋە جانلاندۇرماقچىمىز، دېدى.

2011-يىللىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېستونىيىنىڭ پايتەختى تاللىن شەھىرىدە ئېچىلغان ئىدى.

خوتەن مۇكۇيلا ۋەقەسىدە يارىلانغاندىن كېيىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 5 بالىنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى

خوتەن مۇكۇيلا ۋەقەسىدە يارىلانغاندىن كېيىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 5 بالىنىڭ ئىچىدە ھاياتى خەۋپ ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

28-دېكابىر يۈز بەرگەن «مۇكۇيلا ۋەقەسىدە، 7 ياشتىن 17 ياش ئارىلىقىدىكى 5 نەپەر بالا ۋە ئۆسمۈر يارىدار ھالەتتە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

بۇ بەش بالىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ بەش بالا ئىچىدە 17 ياشلىق يارىدار بالىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرماقتا ئىكەن.

ئىگىلىگەن ئومۇمى مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، شۇ كۈنكى ۋەقەدە، 17 ياشتىن چوڭلارنىڭ ھەممىسى ئېتىۋېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار ھازىرغا قەدەر دوختۇرخانىغا ئاپىرىلمىغان، ئەكسىچە، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئەمما، ئۇلارنىڭ يارىسىنى ئەملەش ئۈچۈن، دوختۇر تەكلىپ قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى تېخى نامەلۇم.

سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل: ئاقسۇدا ئۆيلەر چېقىلماقتا، ئۆي ئىگىلىرى تۇتۇلماقتا، ئۆي خەتلىرى بۇلانماقتا

بۇنىڭدىن 5 يىل ئىگىلىرى، ئاقسۇدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان، سابىق كارخانىچى بۇخەلچەم رۇسۇل رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل يازدا ئاقسۇ قاماقخانىسىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى پاش قىلدى.

بۇخەلچەم رۇسۇل مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن مەكتىپىنىڭ دەۋاسىنى قىلىش جەرياندىلا ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇتۇشۇش ئورنىغا قامالغان ۋە بۇ يەردە ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قەدىمىي مەھەللىلەرنى بۇزۇپ چاققان. ئۆي ئىگىلىرى قارشىلىق كۆرسەتسە قاماققا سولىغان. دائىرىلەر يەنە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سوتقا ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى ئۆيلەرنىڭ ئۆي خەتلىرىنى بۇلاپ ئېلىپ كېتىپ ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋەتكەن.

ئەمەت قاسىم سوتچىغا: بىز خاتالاشساق ئاتىسىلەر، سىلەر خاتالاشساڭلار جازا يوقمۇ؟

ئاقسۇنىڭ ئېگەرچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئەمەت قاسىم، 2001-يىلى كۈزدە 5 مو يېرىدىن چىققان 39 خالتا بۇغداينى شەھەرگە ئېلىپ ماڭغاندا، ھايانكەشلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 5000 يۈەن جەرىمانىگە ئۇچرىغان.

ئەمەت قاسىم ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ قىممىتى 2000 يۈەنگە بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جەرىمانىنى رەت قىلغان. خىتاي خادىملىرى ئەمەت قاسىمنىڭ 39 خالتا بۇغدىيىنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن بىرلىكتە، كىراغا ئالغان يۈك ئاپتوموبىلىنىمۇ تارتىۋالغان. ئەجەبلىنەرلىكى، شۇ كۈنى شۇ مەيداندا، 20 توننا گۈرۈچ ئېلىپ ماڭغان خىتاي سودىگەرگە، پەقەت 400 يۈەن جەرىمانە قويغان.

خىتاي سودىگەر جەرىمانىنى تۆلەپ يولىغا راۋان بولغان. ھالبۇكى، ئەمەت قاسىم تا ھازىرغىچە بۇ ناھەقچىلىك ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ بۇ ئايلىق سۆھبىتى باشقىچە ئۆتتى

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى.

پائالىيەتكە سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق جايلاردىكى جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مېھمانلارنىڭ قەدىمىنى قۇتلۇقلاپ گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارمۇ قاتناشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىدا خىزمەت ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئۇستازلاردىن سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى سۆزىدە زۇلۇمنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقىنى، زالىملار تەختىنىڭ ھامىنى گۇمران بولىدىغانلىقىنى «ئەرەب باھارى» ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىلىرى بىلەن دەلىللەپ، مۇستەقىللىق، ھۆرلۈككە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار كۆپ مەزمۇنلاردا توختالدى.

باشقا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىمۇ قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2012-يىلىنىڭ تۇنجى پائالىيىتىنى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزدى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىلىكلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپون پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈشكە سازاۋەر بولغان كىشىلەر ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن.

بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ۋە تەشكىلاتقا ئەزا ياپونىيىلىكلەر ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ئالدىدا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقاتقان. رەڭلىك رەسىملەر بىلەن باستۇرۇلغان ۋاراقچىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەققىدە توختىلىپ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.