2012.01.05

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ھەم دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش پروگراممىسىنىڭ 2012-يىلى 14-مايدىن 20-مايغىچە ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئېچىش قارار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋە يەنە بۇ ئىككى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل غەلىبىلىك ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشىدا ناھايىتى ھالقىلىق رولغا ئىگە بولغاندىن باشقا، يىغىننىڭ ۋاقىت ھەم ئورۇن جەھەتتىنمۇ تارىخىي ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان زىيارەت خاتىرىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.